باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

تەربىيەچىلەر پىيونېرلار ئارىسىدىكى تايانچ كۈچلەرنى قانداق يېتىشتۈرۈش كېرەك

      پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت ھەيئىتى ۋە ئوتتۇرا ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، كىچىك ئەترەت باشلىقى، ئەترەت گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ۋە ھەرقايسى ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى ھەممىسى پىيونېرلار ئارىسىدىكى تايانچ كۈچلەر. تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت، بۇنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:

     1. ‹‹ئەترەت باشلىقلىرى مەكتىپى››نى ئېچىپ ئەترەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش.

     2. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت تەجىرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىنى ئېچىش.

     3. كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە پىراكتىكا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش.

     4. ئەترەت ھەيئىتى يىغىنى تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.

     5. ئەترەت گېزىتى — ‹‹تام گېزىتى›› دە ‹‹ئەترەت كادىرلىرى مۇنبىرى›› تەسىس قىلىش.

     6. ئەترەت كادىرلىرىنى كىتاب – ژۇرناللاردىن، ئۆسمۈر – بالىلار خىزمىتىنى ئىشلىگەن پېشقەدەم خادىملاردىن ۋە كەڭ پىيونېرلاردىن ئۆگىنىپ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر