باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

تەربىيەچىلەرنىڭ تەكلىپنامىسى ۋە قىزىل گالىستۇكنى كىم تارقىتىپ بېرىدۇ

       جاۋاب: پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىلىرىگە بېرىدىغان تەكلىپنامە ۋە قىزىل گالىستۇكنى شەھەرلىك، رايونلۇق ياكى يېزا دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كومىتېتلىرى تارقىتىپ بېرىدۇ. شەرت – شارائىتى بار ئورۇنلار تەكلىپ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭدا چوڭ ئەترەت بويىچە بىرەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىلسىمۇ ياكى پائالىيەتنىڭ بىر خىل مەزمۇنى قىلىپ ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەكلىپنامە ۋە قىزىل گالىستۇك تەقدىم قىلىش ۋاقتىدا تەربىيەچىلەرگە ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى سۆزگە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر