باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزېلىنىڭ قانداق نۇمۇرلىرى بولۇشى كېرەك

        قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزېلىنىڭ قانداق نۇمۇرلىرى بولۇشى كېرەك جاۋاب:

       1. خەۋەر پىروگراممىسى: ئاساسلىقى ئۆز مەكتىپىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مەكتەپ قانداق چاقىرىقلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇۋاتىدۇ، چوڭ ئەترەت قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا قانداق ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار بار؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭى خەۋەر قىلىپ يېزىپ، ئاڭلىتىش كېرەك.

       2. لېكسىيە: لېكسىيە مەكتەپ ۋە چوڭ ئەترەتنىڭ بىر مەزگىل ئىچىدىكى تەربىيە نىشانىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››، ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى››، ‹‹ئىدىيە تەربىيە لېكسىيەسى›› قاتارلىق تەسىرلىك ھېكايە ۋە مەزمۇنلار شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەندە، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ.

      3. ئىنقىلابىي ھېكايە ئېيتىش پىروگراممىسى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، جاپا – مۇشاقەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئاددىي – ساددا ياشاش، تىرىشچان بولۇشتەك ياخشى ئەنئەنىلەرنى ھەرقايسى ساھەدىكى ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ.

       4. ئىلىم – پەن پروگراممىسى: يېڭى پەن – تېخنىكا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىش، ئىلىم – پەنگە دائىر ساۋاتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئىلم – پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك.

      5. ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پىروگراممىسى: ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە تەنتەربىيەگە دائىر خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىش ھەمدە ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئەترەتلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش كېرەك.

      6. سەھىيە پىروگراممىسى: پەسىللىك ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۆسمۈر – بالىلارغا بەزى سەھىيە ساۋاتلارنى تونۇشتۇرۇش لازىم. مەسىلەن، تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى، ئۈچەي ياللۇغى ۋە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى قاتارلىق سەھىيە ساۋاتلىرىنى ئاڭلاتسا بولىدۇ. كۆزنى، چىشنى ئاسراش بىلىملىرى، شەخسىي ۋە مۇھىت تازلىقىغا ئائىت ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلسىمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر