باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى

      ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش – دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ماقالە يېزىش ئىقتىدارى ھازىرقى زامان ئىختىساس ئىگىلىرى مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. يەنە بىر تەرەپتىن، ماقالە بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ۋاستىلەردىن بىرى.

      بىز ماقالىدىن ئىبارەت بۇ يېزىش ۋە خاتىرىلەش شەكلى بولغاچقىلا ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنى بىلىش، ئىلىم – پەن بىلىملىرى بىلەن تونۇشۇش، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تارىخنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىدۇق. پەقەت ماقالىدىن ئىبارەت يېزىقچىلىق شەكلى بولغاچقىلا، بىز قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەلىدۇق.

      ئەجدادلار ئۆز ماقالە – ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىزنى قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتتى. بىز ئەجدادلار ۋارىسى بولغان ئىكەنمىز چوقۇم ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.

      ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق گېزىت – ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆزىتىش، چۈشىنىش نەتىجىلىرىنى بىزگە تەقدىم قىلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىز ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېسىل خىسلىتى بىزگە ئۈلگە بولۇشى، بۇ خىل ئىزدىنىش روھىي بىزگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

 

      ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش يوللىرى بىز تۈرلۈك بىلىملەرنى بىر – بىرلەپ ئۆگەنگە، تاماقنى بىر قوشۇق – بىر قوشۇقتىن يەپ قورساقنى تويغۇزغانغا ئوخشاش. ماقالە يېزىشنىمۇ بىر – بىرلەپ، ئاستا – ئاستا ئۆگىنىمىز.

      (1) يېزىقچىلىق مەشىقلىرىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىش لازىم. سىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىڭىزدە پىلانلىق ھەم قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشىقلىرى بار. تولۇق بېسىپ ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز ماقالە يېزىش قابىلىيىتىڭىزنى بارا – بارا ئۆسۈپ بارىدۇ.

       سىز دەرسلىك كىتابىڭىزدىكى ئاساسىي مەشقلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز ‹‹ئىلىم – پەننى تىرىشىپ ئۆگىنىمەن››، ‹‹ئورماننىڭ پايدىسى››، ‹‹ئويۇنغا بېرىلگەن ئوڭدا قالار›› دېگەن تېمىلاردا ماقالە يېزىڭلار؛ ‹‹كۈز››نى كۆرسىتىپ تەسۋىر، رەسىملەرنى كۆزىتىپ ماقالە يېزىڭلار؛ ئۆزۈڭلەرنىڭ ياكى بىرەر ساۋاقدىشىڭلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى تەسۋىرلەنگەن قىسقا ماقالە يېزىڭلار؛ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئۆزۈڭلەرگە ئەڭ ياخشى تەسىر قىلغان بىرەر ئىش ياكى ئەھمىيەتلىك بىرەر پائالىيەت توغرىسىدا بىر پارچە خاتىرە يېزىڭلار، ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ئىش ياكى بىرەر ۋەقەنى يېزىپ چىقىڭلار دېگەندە بىر قاتار ماقالە يېزىش كۆرسەتمىلىرىگە كۆزىڭىز چۈشىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە رەتلەپ يېزىش، قايتا بايان قىلىپ يېزىش، كېڭەيتىپ يېزىشقا دائىر مەشىقلەرمۇ قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مانا بۇ خىل مەشىقلەر سىزگە ماقالە يېزىشنى ئۆگىتىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

      مەشىقلەردىكى ماقالە يېزىش تەلەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ، دەرستىن سىرتقى مەشىقىنى چىڭ تۇتسىڭىز، ماقالىنى جەزمەن ياخشى يازالايدىغان بولىسىز، قابىلىيىتىڭىز كۈنسايىن ئۆسۈپ بارىدۇ. قىزغىنلىق – مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى. بۇ ماقالە يېزىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ماقالىلىرى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ساۋاقداشلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ نەتىجىلەرنى ئۇلارنىڭ ماقالە يېزىشقا قىزغىن بېرىلگەنلىكى، ھەتتا ئۇيقۇ ۋە تاماقنىمۇ ئۇنتۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش – ئۆگەنمەسلىك تامامەن قىزغىنلىققا، تىرىشچانلىققا باغلىق. چۈنكى، قىزغىنلىق ھەم تىرىشچانلىق بىزدىكى ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، بوشلۇقلارنى تولدۇرىدۇ.

     (2) ئۆز ھەرىكەت – پائالىيەتلىرىنى، كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى يېزىپ بېقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ساۋات چىقىرىپ ماقالە يازالايدىغان بولۇشىغىچە خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك، ماقالە يازالايدىغان بولۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئۆگىنىشنىڭ، تىرىشىپ مەشىق قىلىشنىڭ مەھسۇلىدۇر.

      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرغانلىرىنى يېزىش بىلانلا چەكلىنىپ قالماي، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراتقان كۆرۈنۈشلەر، ۋەقە – ھادىسىلەر ۋە ھەرىكەت – پائالىيەتلەرنى مۇستەقىل ھالدا يېزىپ بېقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، مەيلى قانداق ۋە قانچىلىك يېزىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇڭ، مانا بۇلار سىزنىڭ ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىشتىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرىدۇر.

      (3) تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ماقالە يېزىقچىلىقى باشتىن – ئاخىر تىلغا تايىنىدۇر، تىل بولمىسا ماقالە يېزىشتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىل ئۆگىنىش كېرەك.

      ساۋاقداش، سىزمۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاشلا تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تىل ئۆگىنىپ كېلىۋاتىسىز. ئەمما، مەن ئانا تىلىمنى تولۇق ئۆگىنىپ بولدۇم، دېيەلەمسىز؟ تىلىمىزدا سىز ئۆگەنمىگەن، مەنىسىنى ئېنىق چۈشەنمەيدىغان ۋە ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان سۆزلەر ناھايىتى كۆپ. ئەدەبىيات كىتابىڭىزدا سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىلەن تونۇشۇش، سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈش قاتارلىق ئۆگىنىش باسقۇچلىرى بار. مانا بۇلار سىزنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسىتىڭىزدۇر. خەلق ئارىسىدىكى ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان تىللار(سۆزلەر)گە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قاراڭ.

      (4) ماقالە يېزىشتىكى ئاساسلىق ماھارەتلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەك. ماقالە يېزىش ئاپتوردىن باش تېما بەلگىلەش، تۇرمۇشنى كۆزىتىپ ماتېرىيال توپلاش، قۇرۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تىلدىن پايدىلىنىش، ئىپادىلەش، باشلاش، ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئاساسلىق ماھارەتلەرنى پۇختا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشتە ئىشنى نەزەرىيىۋى قائىدىلەر بويىچە يېزىش، مەشىق قىلىشتىن باشلاش كېرەك.

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر