باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

تەقلىد قىلىپ يېزىش ماھارىتى

      ساۋاقداش، سىز تەقلىد قىلىپ يېزىشنى بىلەمسىز؟ باشقىلارنىڭ ماقالىسىگە تەقلىد قىلىپ ماقالە يېزىپ باقتىڭىزمۇ؟ تەقلىد قىلىپ يېزىش كىچىك دوستلارنىڭ ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە داۋاملىق كۆزگە چېقىلىدىغان مەشىق شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ماقالىسىدىكى ئالاھىدىلىكىنى دوراپ يېزىش ئاساس قىلىنىدۇ. تەقلىد قىلىش ئادەتتە مەركىزىي ئىدىيەگە تەقلىد قىلىش، ۋەقەلىككە تەقلىد قىلىش، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلىرىگە تەقلىد قىلىش، باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىغا تەقلىد قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىدە يەنە مەلۇم بىر جانلىق تەسۋىر، بىرەر گەۋدىلىك بۆلەكلەرگە تەقلىد قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى ئەسلىي ماقالىدىكى بەزىبىر پارچىلارنى ئۈلگە قىلىپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.

      تەقلىد قىلىش يېزىش جەريانى باشقىلارنىڭ ماقالە يېزىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈۋېلىش جەريانى ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭدا دوراپ ئوخشىتىپ يېزىشقا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئەينەن كۆچۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ. بەزى ساۋاقداشلار ماقالە يېزىش داۋامىدا قىيىنراق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ھامان بىرەر ئەپلىك يول ئىزدەپ باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى كۆچۈرۈۋالىدۇ. يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ ماقالىسىدىكى بەزىبىر ئىسىملار ھەم بىر قىسىم سۆز – ئىبارىلەرنى ئاندا – ساندا ئۆزگەرتىپ ياكى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ – دە، قالغان جايلىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرىدۇ. بۇنداق يوللار بىلەن مەيدانغا كەلگەن ماقالىلەرنى ھەرگىزمۇ تەقلىد قىلىپ يېزىشنىڭ مەھسۇلى دېگىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بۇ بىر خىل كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت.

      ساۋاقداش، شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەككى، كۆچۈرمىكەشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى، ئالغا بېسىش يولىمىزدىكى ئەڭ زور توسالغۇ، شۇڭا كۆچۈرۈۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز كېرەك.

      ساۋاقداش، تۆۋەندە بېرىلگەن ئۈلگىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز تەقلىد قىلىپ يېزىش توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. سىزنىڭمۇ مۇشۇ ماقالىگە تەقلىد قىلىپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ چىقىشىڭىزنى سورايمىز.

(ئۆرنەك)

 

ئۇنتۇلماس يەكشەنبە

ئابدۇغېنى ئابدۇرۇسۇل

 

      بۈگۈن يەكشەنبە، ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق بولۇپ، ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. شەرقتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش ئۆزىنىڭ قىپ – قىزىل نۇرلىرىنى تەبىئەت دۇنياسىغا سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى.

      مەن بۈگۈن دوستۇم نەبى بىلەن خەلق باغچىسىغا بېرىپ گۈل كۆرگەزمىسى كۆرۈپ كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدىم. شۇڭا ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ھەم روھلۇق ھېس قىلاتتىم. چۈنكى، مەن خەلق باغچىسىغا خېلىدىن بېرى بېرىپ باقمىغان ئىدىم.

      بىز نەرسە – كېرەكلىرىمىزنى ئېلىپ، خۇشال ھالدا ئۆيدىن چىقتۇق – دە، ھايالسىزلا كوچا ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ كەلدۇق، دەل شۇ چاغدا ئاپتوبۇسمۇ يېتىپ كەلدى. تەلىيىمىزگە ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپ ئەمەسكەن. مەن چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ چىقتىم – دە، ھەش – پەش دېگۈچە ئىككى كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەپ ئۈلگۈردۈم. نەبى ئورۇن ئېلىپ قويغىنىمدىن بەكلا خۇش بولدى. خەلق كىنوخانىسى ئالدىدىكى بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايال چىقىپ كەلدى. ئايالنىڭ بىر قولىدىكى سومكا، يەنە قولىدا بىر – ئىككى ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى. مەن شۇ ھامان دەرىزىدىن سىرتقا قارىۋېلىپ كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ‹‹ھەدە بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋالسىلا›› قولىقىم تۈۋىدىلا جاراڭلىغان ھەم ئىنچىكە، ھەم يېقىملىق بۇ ئاۋاز مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ، ئارقىدىنلا ئايالنىڭ ‹‹رەھمەت بالام›› دېگەن سۆزى ئاڭلاندى. نېمىشقىكىن، مېنىڭ ئارقامدىكى ئاشۇ بالىنى كۆرگۈم كېلىپلا كەتتى. تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئاخىرى ئارقامغا قارىدىم. ئەسلىدە ئايالغا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن مەندىن ياشتىمۇ، بويدىمۇ خېلىلا كىچىك بىر قىزچاقكەن، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كۆزلىرىمنى دەرھاللا ئېلىپ قاچتىم.

      خەلق باغچىسىغا يېتىپ كەلدۇق. مەن ئاپتوبۇستىن شاققىدە چۈشتىم – دە، ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم. چۈنكى، ھېلىقى ئايال بىلەن قىزچاقنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم، باغچىدىكى ساياھىتىممۇ ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىدى. ئۆيگە قايتقاندىمۇ شۇ ئىشنى قەتئىي ئۇنتىيالمىدىم، ھېلىقى ئايال ھەم قىزچاقنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمىدى، مەن بۇ يەكشەنبىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.

    

 (تەقلىد)

ئورۇن بېرىش

يالقۇن ئابدۇرۇسۇل

 

      يەكشەنبە سەھەر، ئىللىق شامال يۈزلەرنى يۇمشاققىنە سىيپاپ ئۆتەتتى. شامال بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ دىماقلارغا ئۇرۇلۇۋاتقان گۈللەنىڭ خۇش ھىدى كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بەخش ئېتەتتى.

      مەن 10 – يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، چوڭ ئاپاملارنىڭكىگە قاراپ يولغا چىقتىم.

      ئاپتوبۇس ئۈچىنچى بېكەتتە توختىغاندا، ئاپتوبۇسقا بالا كۆتۈرۈۋالغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئىككى ئايال چىقىپ كەلدى. مەن تېخى ئەمدىلا ئىشىك تەرەپتىكى 2 – ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدىم، بۇ ئورۇن ماڭا ئاسان تەگمىدى – دە، يەنە تېخى ئون نەچچەيلەن ئۆرە تۇرمامدۇ. بۇ ئىككى ئايال تازىمۇ بىر چاغدا چىقتىغۇ! دەل ئالدى ئىشىكتىن چىققىنى تېخى! ئارقىدىن چىققان بولسىغۇ كارىممۇ يوقتى ... ‹‹ھەدە سىلى بۇ يەردە ئولتۇرۇۋالسىلا!›› كۈتۈلمىگەندە چىققان بۇ جاراڭلىق ئاۋاز مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. ئايالغا ئورۇن بەرگەن دەل مېنىڭ ئالدىمدىلا ئولتۇرغان ھەربىي يىگىت ئىدى، ‹‹رەھمەت سىزگە تاغا!›› دېدى ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالا چۈچۈك تىلدا سۆزلەپ، ھەربىي يىگىت بالىنىڭ يۇمۇلاق يۈزىنى سىيلاپ قويدى ۋە ‹‹ئەرزىمەيدۇ›› دېدى، كۈلۈپ تۇرۇپ.

      دەل شۇ چاغدا بالا كۆتۈرگەن يەنە بىر ئايال مەن تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى. مەن دەرھاللا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىگە باش قويدۇم – دە، كۆزلىرىمنى مەھكەم يۇمۇۋېلىپ ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم. تۇيۇقسىزلا ئارقا تەرىپىمدىن قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ‹‹ھەدە، بۇ ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇۋالسىلا!››، ‹‹بالام سىزمۇ تېخى كىچىككەنسىز ئەمەسمۇ، قانداق ئۆرە تۇرالايسىز؟ بولدى ئۆزىڭىز ئولتۇرۇۋېرىڭ؟›› – دېدى ئايال. ‹‹كېلىپ ئولتۇرۇۋەرسىلە، مەن بۇ يىل مەكتەپكە كىردىم، ئۆرە تۇرۇۋېرىمەن›› دېدى بالا چاقماقتەك سۆزلەپ. ‹‹رەھمەت بالام، سىزمۇ كېلىڭ ئەمىسە، بىللە ئولتۇرايلى›› – دېدى ئايال بالىنى يېنىغا تەكلىپ قىلىپ. مەن بۇ ۋاقىتتا ئۆز – ئۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئۇيۇلۇپ قالدىم. خۇددى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا ماڭا قارىشىۋاتقاندەك، يۈزلىرىم ئوتتەك قىزىرىپ، يۈرەكلىرىم گۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى. مەن مېھرىمنى ئۈزەلمىگەن بۇ لۆم – لۆم ئورۇندۇقتىن شۇ تاپتا سانسىز تىكەنلەرنى ئۈنۈپ چىقىپ، بەدەنلىرىمگە سانجىلىۋاتقاندەك ئولتۇرالمايلا قىلىۋاتاتتىم.

      ھايال ئۆتمەيلا ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى. ئاپتوبۇسقا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر پېشقەدەم كىشى چىقىپ كەلدى، ئاپتوبۇس قوزغىلىۋىدى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئەمدى پۇرسەت كەلگەنىدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئونۇمدىن چاچراپ تۇردۇم – دە، ‹‹تاغا بۇ يەردە ئولتۇرۇۋالسىلا›› دېدىم ۋە ئۇنى يۆلەپ ئۆز ئورنۇمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم. ئاپتوبۇس ئىلگىرىلەپ ماڭماقتا، مەن ئۆرە تۇرماقتىمەن. خۇددى ۋۇجۇدۇمنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر بىر تاش چۆرۈپ تاشلانغاندەك ئۆزۈمنى يېنىك ھەم ئازادە سەزمەكتىمەن.

       (باھا)

      ‹‹ئورۇن بېرىش›› ناملىق بۇ ماقالە ‹‹ئۇنتۇلماس يەكشەنبە›› دېگەن ماقالىغا تەقلىد قىلىنىپ يېزىلغان. بۇ ئىككى ماقالىنىڭ ماتېرىيالىدا ئوخشاشلىق بار. پەقەت ماتېرىياللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىنلا بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە ئاپتور ‹‹ئۇنتۇلماس يەكشەنبە›› نىڭ قۇرۇلما شەكلىنى ئەينەن كۆچۈرمەستىن، ماتېرىيال تاللاشنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان. ‹‹ئورۇن بوشىتىش›› ناملىق ماقالە ‹‹ئۇنتۇلماس يەكشەنبە›› ناملىق ماقالىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ يېزىلىش بىلەن بىرگە، تەقلىد قىلىش ئاساسىدا قايتا ئىجاد قىلىنغان ماقالىدۇر. چۈنكى، بۇ ماقالىدە ئالدىنقى ماقالىدىكى مەزمۇن تولۇقلانغان. بەزى روھىي ھالەت تەسۋىرى ۋە زۆرۈر بولغان تەپسىلاتلار قوشۇلۇش ئارقىلىق مەركىزىي ئىدىيە تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تۈسكە كىرگەن.

        

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر