باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

باش تېمىنى بەلگىلەش ماھارىتى

         ساۋاقداش، سىز باش تېمىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ باش تېما ماقالىدىكى مەركىزىي مەزمۇن ياكى چىقىش قىلىنغان مەقسەت – مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باش تېما ماقالە مەزمۇنىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە ماقالە مەزمۇنىدىكى جەۋھەردىن ئىبارەت. باش تېما ئادەتتە ‹‹مەركىزىي ئىدىيە›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

      ساۋاقداش، سىلەر ئەدەبىيات دەرىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە ھەربىر تېكىستنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى يەكۈنلەپ چۈشىنىپ ماڭىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ مانا سىلەر يەكۈنلەپ چىققان مەركىزىي مەزمۇنلار دەل باش تېمىدىن ئىبارەت. باش تېما ماقالىنىڭ جېنى، باش تېما بولمىسا ماقالىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بىز ماقالە يېزىشتىن ئاۋۋال باش تېمىنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىمىز، يەنى مەن بۇ ماقالىنى نېمە مەقسەتتە يازىمەن؟ بۇ ماقالىدە قانداق بىر مەزمۇننى ئىپادىلەيمەن؟ نېمىنى مەدھىيىلەپ، نېمىنى پاش قىلىمەن؟ دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىلىق ئوبدان ئويلىنىپ، كۆڭۈلدە ئېنىق بىر نىشان تۇرغۇزۇۋېلىشىمىز كېرەك.

      ساۋاقداشلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىلىرىدىن قارىغاندا، باش تېمىنى ئىپادىلەش جەھەتتە مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال مەۋجۈت:

      بىرىنچى خىل ئەھۋال، باش تېما بىلەن پەقەت كارى بولماسلىق.

      بۇ، باش تېمىنى ئىپادىلەشتە خېلى كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، گەرچە بىر تالاي ئىشلار يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر باش تېمىنى تاپقىلى بولماسلىقتىن ئىبارەت. بەزى ساۋاقداشلار يېزىش مەقسىتىنى ئېنىقلىۋالماي تۇرۇپلا، نېمە دېمەكچى، نېمىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەنلىكىنى بېكىتىۋالماستىنلا يېزىشقا ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە يازغانلىرى جانلىق تەسۋىرلەر، چىرايلىق گەپ – سۆزلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يازغانلىرىدىن ئېنىق بىر باش تېمىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

     مەسىلەن، مەلۇم بىر ساۋاقداش ‹‹ئەھمىيەتلىك بىر كۈن›› دېگەن ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ سەھەر تۇرۇپ، يۈز – قوللىرىنى يۇيۇپ، چېيىنى ئىچىپ، سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭغانلىقىنى، ئالدىراپ يۈگۈرگەندەك تېز ماڭغاچقا چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغانلىقىنى، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ دوستلىرى بىلەن ئوينىغانلىقىنى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرگەنلىكىنى يازغان.

      ساۋاقداش، ئېيتىپ بېقىڭچۇ قېنى، بۇ ساۋاقداشنىڭ يازغانلىرىنى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ ساۋاقداشنىڭ يازغىنى ھەممىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەتتىكى بىر كۈن، خۇددى قۇياشنىڭ سەھەر چىقىپ، كەچقۇرۇن كىرىپ كەتكەندەك ھەممەيلەنگە يادا بولۇپ كەتكەن ئىشلاردىن ئىبارەت.

      چۈنكى، ‹‹ئەھمىيەتلىك بىر كۈن›› دېگەن ماۋزۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئېنىقكى، بۇ ماقالىدە باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا ئالاھىدىرەك بولغان مەنىلىكرەك ئۆتكەن، ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر كۈننى تاللاپ يېزىش تەلەپ قىلىنغان. ئادەتتە بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر خىل رېتىمدىلا ئۆتۈۋەرمەيدۇ. بىز بەزى كۈنلىرى ناھايتى خۇشال بولىمىز، ھاياجانلىنىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىزدىن تولۇق رازى بولۇپ، ئۆز – ئۆزىمىزدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز ياكى بەزى كۆرۈنۈشلەر بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ قەلبىمىزدە زور تەسىراتلارنى پەيدا قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلىرىمىز ئەھمىيەتلىك كۈنلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ، باشقىلىرى ئادەتتىكى كۈنلەر ھېسابلىنىدۇ.

      يۇقىرىقى ساۋاقداش ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك كۈنىنى تېپىپ يازالمىغان، شۇنداق بولغاچقا ھېچقانداق بىر باش تېمىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن. ئەگەر بۇ ساۋاقداش مەكتەپكە بېرىش يولىدا بىر تاغار ئوتنى يۈدۈپ، يەنە قويۇپ، قەدەمدە بىر دېگۈدەك ئارام ئېلىپ مىڭ تەستە كېتىۋاتقاندا بىر موماينى ئۇچرىتىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا موماينىڭ تاغىرىنى يۈدۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەنلىكىنى، موماينىڭ قانداق رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ياكى بولمىسا تۈنۈگۈندىن بېرى چۈشىنەلمەي تىت – تىت بولۇپ كېلىۋاتقان بىرەر مەسىلىنى بۈگۈنكى دەرستە تولۇق چۈشىنىۋېلىپ، كۆڭلىنىڭ باشقىچىلا ئېچىلىپ قالغانلىقىنى يازغان بولسا، بۇ كۈننى ئاندىن ئەھمىيەتلىك كۈن بوپتۇ، دېگىلى بولاتتى.

     (ئۆرنەك)

ئەھمىيەتلىك بىر كۈن

ئانارگۈل ئۆمەر

      بۈگۈن 29 – سىنتەبىر، ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان كۆپكۆك ۋە سۈزۈك، ئوقۇغۇچىلار كىيىملىرىنى رەتلىك كېيىشىپ مەكتىپىمىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن چىقىرىلغان خۇلاسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مەكتەپكە يىغىلىشقانىدى.

      دەرۋازا ئالدىغا رەتلىك تىزىلغان ئوقۇغۇچىلار رەڭگارەڭ گۈللەرنى تۇتقان ھالدا ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە سايباغ رايونىدىن كېلىدىغان رەھبەرلەرنى تەققاززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

      ئەتىگەن سائەت 9 بىلەن رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار مەكتەپ ئىچىگە كەينى – كەينىدىن كىرىپ كەلدى.

      شەھەر باشلىقى مەمتىمىن زاكىر ئاكا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم ھەدە قاتارلىق رەھبەرلەر مەكتەپ ئىچىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، تولىمۇ خۇشاللاندى.

      بىزنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنىڭ تولىمۇ زورلىقىنى كۆرگەندە، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى، دەل سائەت 10دا دۆلەت شېئىرىنىڭ جاراڭلىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە بايراق چىقىرىلىپ، مەكتەپ ئاسمىنىدا قىزىل بايراق جەۋلان قىلىندى. ھەممەيلەن ئولتۇرغاندىن كېيىن رەھبەرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سۆزلىدى. ئۇلار بىزنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاد بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

      ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىغان نومۇرلىرى قويۇلۇپ، مەيدان تېخىمۇ يېڭىچە تۈس ئالدى. قويۇلغان نومۇرلار ئىچىدە ‹‹قار لەيلىسى›› ناملىق مۇزىكىلىق ئۇسسۇل ھەقىقەتەن ياخشى ئورۇندالدى. چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزلار مەيداندا لەرزان پىرقىرايتتى. ئۇلار ئۇسسۇل ئاخىرىدا ‹‹قار لەيلىسى›› شەكلىنى چىقارغاندا، مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. ئۇنىڭدىن باشقا «مەن ئوقۇيمەن» دېگەن ئېتۇت مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. بولۇپمۇ بالا رولىنى ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ: ‹‹دادا، مېنى ئوقۇتۇڭ، ئۇنداق قىلماڭ، مەن ئوقۇمىسام كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالمامدىمەن، دادا، جېنىم دادا، مېنى ئوقۇتۇڭ؟!›› دەپ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ، ھەممىمىز كۆزلىرىمىزگە ئىسسىق ياش ئالدۇق.

      يىغىن سائەت بىرلەردە ئاخىرلشىپ، رەھبەرلەرنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ھەممىمىز ھاياجانلانغان ھالدا ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق.

      (باھا)

      مانا بۇ ماقالىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بىر كۈندىكى ئاپتورغا تەسىر قىلغان تىپىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ پەقەت كىچىك ئاپتورنىڭلا ھېسسىياتى ۋە تەسىراتى بولماستىن، بەلكى بارلىق نۇقتىلارنىڭ ھېس – تۇيغۇسى، شادلىقى ۋە سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش، رازى بولۇش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان يالقۇنلۇق قەلبىنىڭ ساداسىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ ماقالە ناھايىتى ئىخچام ۋە ئاددىي يېزىلغان بولسىمۇ، بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، شادلاندۇرىدۇ. قەلب ئېتىزىمىزنى شادلىق كەۋسەرلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزنى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئىختىيارسىز ھالدا مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆز ئالدىمىزدا قايتا نامايان قىلىدۇ.

  

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر