باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ماتېرىيال تاللاش (1)

     ماتېرىيالنى قانداق تاللاش كېرەك؟ ساۋاقداش، سىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قىزىقامسىز؟ تۆۋەندا مەن سىزگە ماتېرىيال تاللاشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بەزىبىر مۇھىم تەلەپلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

 

      1. ماتېرىيالنى بەلگىلىك مەقسەتنى چىقىش قىلغان ھالدا تاللاش

 

      ساۋاقداش، بىز ماقالە يېزىشقا كىرىشىشتىن ئاۋۋال يېزىش مەقسىتىمىزنى جۈملىدىن باش تېمىنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىمىز كېرەك. مۇبادا سىز دادىڭىز توغرىلىق ماقالە يازماقچى بولسىڭىز، بۇ ماقالىنى مەن نېمە مەقسەتتە يازىمەن؟ دادامنىڭ قايسى ئىش – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيمەن؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى يېزىشقا كىرىشىشتىن ئاۋۋال ئېنىق بەلگىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر يېزىش مەقسىتىڭىز ۋە يېزىش نىشانىڭىز ئېنىق بولماي، دادىڭىزنىڭ سىز بىلىدىغانلىكى ئىش – ھەرىكەتلىرىنى بىر باشتىن قارا – قۇيۇقلا يېزىۋەرسىڭىز، يازغانلىرىڭىز ماقالە بولماستىن، بەلكى دادىڭىزنىڭ شەخسىي ئارخىپىغا ۋە ياكى قالايمىغان ماتېرىياللار خاتىرىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، كۆرگەن – بىلگەن ئىشلارنى ئەينەن، تەپسىلىي يېزىش بىلەنلا جانلىق ماقالىلەرنى يېزىش مەقسىتىگە، ماتېرىيال تاللاش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ. ‹‹ماتېرىيال تاللاش›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ماقالىنىڭ مەركىزىي مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان، ئۇنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ماتېرىياللارنى تاللاپ ئېلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر دادىمىزنىڭ كۆيۈمچانلىقى، مېھرىبانلىقى ۋە تەلەپچانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ماقالە يازماقچى بولساق، پەقەت دادىمىزنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىكلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئىش – ھەرىكەت ۋە گەپ – سۆزلىرىنى يېزىش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىساق بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۆگىنىش، ئىقتىسادچىل بولۇش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ماتېرىياللارنى يېزىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ماتېرىيال بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيەنى كېڭەيتىۋېتىدۇ – دە، ماقالە چۇۋالچاق بولۇپ قالىدۇ.

 

       (ئۆرنەك)

مېنىڭ دادام

چولپانقىز مۇتەللىپ

 

      – دادا، ئوقۇتقۇچىمىز ئۆگىنىش كۆرسەتكۈچىمىزگە ئاتا – ئاناڭلار ئىمزا قويۇپ بەرسۇن دېگەنىدى – دېدىم ئۆيدە ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇرغان دادامنىڭ ئالدىغا كۆرسەتكۈچىمنى قويۇپ، دادام كۆرۈۋاتقان كىتابىنى ئاستا قاتلاپ كۆرسەتكۈچىمگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن:

      – قىزىم، ماتېماتىكا بىلەن خەنزۇ تىلى دەرىسىدىكى نەتىجىڭىز تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ، بۇنى تۈزەتمىسىڭىز بولمايدۇ – دېدى. مەن دادامنىڭ يۇقىرى نومۇرلىرىمغا تەنقىد بېرىپ، تۆۋەن نومۇرلىرىمغا گەپ – سۆز قىلمىغانلىقىغا قاراپ ھەيران قالدىم.

      – سىز خەنزۇ تىلىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىنى پۈتتۈرگەن تۇرسىڭىز، مىللىي مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىدە 95 نومۇر ئالسىڭىز بولماس، ماتېماتىكا دەرسكە كەلسەك، مەيلى قايسى تىلدا بولسۇن دەرسلىك ئاساسەن ئوخشاش. شۇڭا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى يېزىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ماڭا تاپشۇرۇڭ – دېدى ئۇ مەڭزىلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ.

      مەن ئەقلىمگە كەلگەندە دادام بوۋاملار بىلەن بىر ئائىلىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىكەن. كېيىن دادام ئىدارىدىن ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ كەتتى. مەن بوۋام بىلەن مومامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا قالغانىدىم. مەن بەش ياشقا كىرگەن يىلى بوۋام بىلەن دادام مەسلىھەتلىشىپ مېنى خەنزۇ تىلى مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەردى. دادامنىڭ ئائىلىدىكى يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى بولغانىدى. 3 – يىللىققا چىققاندا مەن سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئوقۇغان ئىدىم. لېكىن، بارا – بارا نەتىجەم تۆۋەنلەپ ئەسلىدىكى سىنىپ بويىچە 4 – ئورۇندىن 21 – ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم. دادام بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن قىلچە خاپا بولمىدى. ئەكسىچە مېنى مىللىي تىلدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەشنى قارار قىلدى، مەن يۆتكىلىشكە قارشى تۇردۇم. بۇ چاغدا دادام كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

      – قىزىم، نەتىجىڭىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سىزنىڭ بىلمەسلىكىڭىزدىن ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي مېنىڭ يېتەكلىشىمنىڭ ياخش بولماسلىقىدىن. ھازىر مېنىڭ تىل – يېزىق جەھەتتىكى سەۋىيەم بۇنىڭغا يار بەرمىدى. شۇڭا سىز ئۆز تىل – يېزىقىمىزدىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىڭىز مېنىڭ يېتەكلىشىمگە قۇلايلىق بولىدۇ. تېزلا ئىلگىرىلەيمىز، شۇڭا بۇنىڭغا ماقۇل دەڭ.

     مەن نەچچە يىل بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمدىن، تەربىيەلىگەن ئۇستازلىرىمدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ، دادامنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ، يۆتكىلىشكە قوشۇلدۇم. دادام شۇ چاغدا مېنى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. مەن يېزىقتىن بىر ھەرپنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۆيگە كەلگەندە دادام تاكى ئۇيقۇم كەلگەنگە قەدەر يېزىق ئۆگىتىپ، ساۋادىمنى چىقىرىشقا ياردەملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ساۋادىم چىققىچە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ماڭا غەلىتىلا بىلىنىپ، زادىلا چۈشىنەلمىدىم، 1 – مەۋسۇم تۈگەي دېگەندە، ساۋادىمنى ئاران چىقاردىم.

      كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ دەرسلەرگە خېلى كىرىشىپ قالغان بولساممۇ، ئۆگىنىش نەتىجەم 34 – ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن دادام بۇ ئىشقا زادىلا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، ئانام بولسا دادامغا پات – پات كايىپ:

      – قارىسىلا، قىزىمىزنىڭ روھى بەك چۈشۈپ كەتتى. مەكتەپتىن يۆتكىمىگەن بولساق ياخشى بولاتتى، دەپ قوياتتى. شۇنداق چاغلاردا دادام – بولدىلا، ھازىر شۇنداق بولغان بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدۇ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتسەكلا بولىدۇ، دەپ قوياتتى.

      مەن 4 – يىللىققا چىققان يىلى ھەقىقەتەن زور ئىلگىرىلەش بولدى. نەتىجەممۇ بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 14 – ئورۇنغا ئۆتتۈم. لېكىن دادام يا خۇشال بولمىدى، يا خاپا بولمىدى، بەلكى ماڭا: ‹‹قىزىم، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىڭ، كۆچۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ، مەن سىزنىڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايمەن. ئومۇمىي دەرسلەردىكى ئوتتۇرىچە نەتىجىڭىز 80 بولسا بولىدۇ›› دەيتتى. مەن زادىلا كۆچۈرۈپ ئىمتىھان بەرمەيتتىم. ئىمتىھان نەتىجەممۇ دادام دېگەن ئۆلچەمگە يېقىنلىشاتتى.

      بىر كۈنى مەكتەپ ‹‹مېنىڭ دادام›› دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى. مېنىڭ بۇ تېمىدىكى ماقالەم مەكتەپ بويىچە تاللاندى. شۇندىن ئېتىبارەن يېزىقچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دائىم ماقالە يازىدىغان بولدۇم. يازغانلىرىمنى دادامغا ئوقۇپ بەرگەن چېغىمدا بەكمۇ سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. دادامنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىدى. ئۇ چارچاپ كەتكىنىگە قارىماي مېنىڭ دەرس تەكرارلىشىمغا ياردەم بېرەتتى. كۆپ ھاللاردا ماقالىلىرىمنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي ئۇخلاپ كېتەتتى. مۇنداق چاغلاردا مەن بەكمۇ پەرىشان بولاتتىم. دادام مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى چۈشەنگەندەك بىر خاتىرە دەپتەرنى ماڭا بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يازغانلىرىڭىزنى بۇ خاتىرىگە كۆچۈرۈپ قويۇڭ، ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم كۆرىمەن، دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. شۇ چاغدا مەن خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم. مەن ھازىر 5 – يىللىققا چىقتىم، ئۆگىنىش نەتىجەم سىنىپ بويىچە 5 – ئورۇنغا ئۆتتى. مەن سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، مەكتەپ سەنئەت يېتەكچىسىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالدىم، دادام ماڭا بىراقلا يۇقىرى تەلەپ قويمايدۇ. ئۇ پەقەت «قىزىم، تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىڭ، قارىسىغا يادقا ئېلىش ياخشى ئەمەس، دەم ئېلىش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈڭ» دەپلا تۇرىدۇ.

      مەن شۇنى چۈشەندىمكى، مېنىڭ دادام پۈتكۈل ئوقۇش ھاياتىمدىكى مېنى يېتەكلەپ كەلگەن ئىككىنچى ئوقۇتقۇچۇم، ئۇ مېنىڭ ئىلگىرىلەش يولۇمدىكى پۈتكۈل توساقلارنى ئېلىپ تاشلىغۇچى ئىكەن ... مەن ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە بۇ يىللىق ئۆگىنىش نەتىجەمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيمەن.

 

     ئەگەر ساۋاقداش چولپانقىز يۇقىرىقى ماقالىسىدە دادىسىنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىلىرى، خىزمەت ئاكتىپلىقى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، قىزىقىش ئەھۋاللىرى، قوشنىلار ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ قوشۇپ يازغان بولسا شەكسىزكى، بۇ ماقالە مەزمۇن دائىرىسى جەھەتتىن بىر قانچە تەرەپكە تەڭلا چېتىلغان، ئەمما ھېچقايسىسى جانلىق، تەسىرلىك ھەم كونكرېت ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن، چېچىلاڭغا ھەم تومتاق ھالەتتىكى بىر ماقالىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. شۇڭا بىر پارچە ماقالىدە پەقەت بىرلا باش تېمىنى ئىپادىلەشكە، ماتېرىياللارنى ئەنە شۇ باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

      2. ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەمەلىي ماتېرىياللارنى تاللاش

 

      ھەقىقىي، ئىشەنچىلىك ماتېرىياللار ھەرقاچان ئەمەلىي تۇرمۇشتىن تاللىنىدۇ. شۇڭا ماتېرىيال تاللاشتا ئۆزىمىز بىلمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان تەرەپلەرگە ئېسىلىۋالساق، ئۆز تەسىراتلىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تەبىئىي ھالدا ئىپادىلەپ بېرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، بىر قانچە ئابزاس يېزىپلا يازغىدەك نەرسە تاپالماي توختاپ قىلىپ، ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇ خىل زورلاپ يېزىلغان توقۇلمىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ماقالىلەر كىشىلەرگە سۈنئىيلىك، ياسالمىلىق تۇيغۇسىنى بېرىپ قويىدۇ، تۇرمۇشنى توغرا ۋە ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

      ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىڭلارنىڭ بىر قىسمى ئائىلەڭلەردە ئۆتسە، يەنە بىر قىسمى مەكتەپتە ئۆتىدۇ. ئەنە شۇ كىچىككىنە ئائىلىۋى تۇرمۇشتىنمۇ ماقالە قىلىپ يېزىشقا يارايدىغان كەڭ ھەم مول ماتېرىياللار چىقمايدۇ، دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ئائىلە كەڭرى بىر دۇنياغا ئوخشايدۇ. ئائىلىدە ئاتا – ئاناڭلار، ئاچا – سىڭىل ياكى ئاكا – ئۇكىلىرىڭلار بار. ئائىلە ھەممىڭلار ئۈچۈن بىر سەھنە. بۇ سەھنىدە ھەممىڭلار ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئالىسىلەر، ئۆز مىجەز – خاراكتېرىڭلارنى تولۇق ئاشكارىلايسىلەر، ھەتتا سىرتلاردا يوشۇرىدىغان بەزىبىر مەخپىي تەرەپلىرىڭلارمۇ ئۆيدە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. ئائىلىدىكى گەپ – سۆزلەر، يۈرۈش – تۇرۇشلار، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، قىزىقىش، ئارزۇ – تەلەپلەر، خاراكتېر، ئادەتلەر ۋە باشقىلار سىلەرگە ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىڭلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ھەرقانداق بىر ئىشتا سىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، سىلەرنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قايىل قىلىپ تۇرىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ قەلبىنى ئائىلەڭلار ۋە ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – توغقانلار توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچە ھەم تەسىرات بار. مانا مۇشۇ مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدىن نى – نى ئەھمىيەتلىك تېمىلار چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟

     مەكتەپ ھاياتى ئاجايىپ قايناق، چۇشقۇن ھايات. سىلەر بۇ يەردە قېرىنداشلارچە كۆيۈمچانلىقلارنى، دوستانە ياردەملەرنى، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى تىرىشچانلىقلارنى، چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، باتۇرلۇققا ئوخشاش ئالىجاناپ پەزىلەتلەرنى، ئېسىل ئەخلاق ئىگىلىرىنى، قەلبىڭلاردا ھاياجان قوزغايدىغان تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىلەر. بىلەمسىلەر، مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماقالە قىلىپ يازساڭلار تامامەن بولىدىغان ئەھمىيەتلىك ماتېرىياللار ئەمەسمۇ؟

 

      (ئۆرنەك)

ئائىلىدە يۈز بەرگەن بىر ئىش

غېنى نۇرجامال

 

      بىزنىڭ ئائىلىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ناھايىتى كۆپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپ ئىشلار ئۇنتۇلاتتى. بىراق، بىر ئىش گەرچە ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئۇزاق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، مېنىڭ كاللامدا تېخى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا تۇراتتى. ئۇ ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ئىش ئىدى. ئاپام پەردە بۇيرۇتماقچى بولۇپ، دېرىزىلەرنى ئۆلچىمەكچى بولدى، مەن ئۆز – ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا ئاپامغا: ‹‹ئاپا، دەرىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكىنى مەن ئۆلچەپ ھېسابلاپ بېرەي›› دېدىم. ئاپام ماڭا ئىشەنگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى. مەن ئاپامنىڭ قولىدىكى ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ، ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن نەچچىلىك پەردىلىك كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتىم ھەمدە بۇنى ئاپامغا بەردىم. ئاپام ماڭا: ‹‹يەنە بىر قېتىم ئۆلچەپ چىقىڭ›› دېدى. مەن خالىمىغان ھالدا: ‹‹ئاپا، سىز  نېمىدېگەن ئېزىلەڭگۈ، مەن ھازىر 4 – يىللىقتا ئوقۇيمەن، قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش دېگەنلەرنى ئاللىبۇرۇن ئۆگىنىپ بولغان، مانا مۇشۇنداق ئاددىي ھېسابلاشلارنىمۇ خاتا ئىشلەمدىمەن›› دېدىم.

      ئاپام مېنىڭ ھېسابلىغىنىمغا ئاساسەن پەردىلىك سېتىۋالدى ھەمدە دەرىزە پەردىسى تىكىدىغان ئورۇنغا ئاپىرىپ تىكتۈردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى دەرىزە پەردىسى ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەنىدى، دادام ئۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن دەرىزىگە ئېسىپ كۆردى. مەن كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ دەرىزىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. ئاپلا، ئاپام نەچچە كۈندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ مىڭ تەستە تىكتۈرۈپ كەلگەن بۇ پەردە غەلىتىلا كۆرۈنىدىغۇ؟ بۇ پەردە قىسقىلىقىدىن دەرىزىنىڭ يېرىمىغىلا كەلگەنىدى. مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئەسلىدىكى ئۆلچىگەن ئۇزۇنلۇق بىرلىكىنى ۋە ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھەي، ئەسلىدە مەن ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى بىر خانە ئالدىغا قويۇپ قويغان ئىكەنمەن. بۇ قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بەكلا ئەپسۇسلاندىم. ئاپام روھىي ھالىتىمدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى سىزىپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ماڭا: «قىزىم بۇ قېتىمقىسىنى بولدى قىلايلى، بۇندىن كېيىن چوقۇم بىپەرۋالىق قىلماڭ، ئەگەر كەلگۈسىدە بىر ئىنژېنېر بولۇپ بىرەر بىنا تاكى كۆۋرۈك لايىھەلىسىڭىز ئۇ چاغدا يەنىلا ھازىرقىدەك بىخەستىلىك قىلسىڭىز چوقۇم دۆلەت ۋە خەلققە زور زىيان كەلتۈرىسىز» دېدى. ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خىجىل بولغىنىمدىن بېشىمنى كۆتۈرەلمىدىم.

      مەن ھەر قېتىم بۇ ئىشنى ئويلىغىنىمدا قەلبىم بىر خىل خىجىللىق ئىچىدە پۇشايمان ھېس قىلىمەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قايتا بىپەرۋالىق قىلماسلىققا، ھەرقانداق ئىشقا ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلىنىش توغرىلىق ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە بېرىمەن.

 

      (باھا)

      مانا بۇ ماقالىدە ئاپتور ئائىلىنى ماتېرىيال تاللاش دائىرىسى قىلىپ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى يازغان بولغاچقا ماقالە تەبىئىي ھەم ئەمەلىي چىققان.

     كىچىك دوستلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم، بىلىدىغانلىرى ئاز بولغاچقا ئۇلار بەزى ئىشلارنى قاملاشتۇرۇپ قىللماسلىقتەك ئەھۋاللارغا ھەمىشە يولۇقۇپ تۇرىدۇ. ساۋاقداش، سىنزنىڭمۇ بىپەرۋالىق قىلىش تۈپەيلى ئاتا – ئانىڭىز ۋە ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خىجىللىقتا قالغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ قېنى، ئەگەر ئەسلىيەلىسىڭىز مانا مۇشۇ ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ ئۆزى تازا ئوبدان ماقالە ماتېرىيالى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ قېنى ئەمىسە، مۇشۇ خىل ئەمەلىي ماتېرىياللار ئاساسىدا ‹‹خىجىللىق›› ياكى ‹‹ئويۇنغا بېرىلگەن ئوڭدا قالار›› دېگەن ماۋزۇدا ماقالە يېزىپ بېقىڭ.

      ئەگەر ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولمىغان، ئۆزىمىز ئېنىق چۈشەنمەيدىغان تەرەپلەرنى يېزىشقا ئېسىلىۋالساق، ماتېرىياللارنى خىيالىمىز بويىچە توقۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولىمىز – دە، ماتېرىيالىنىڭ سۈنئىي بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىمىز. گەرچە ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق ئىشلارنى يازغان تەقدىردىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ بەزى تەرەپلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىساق، يەنىلا ماتېرىيالدا سۈنئىيلىك، ياسالمىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى تاپشۇرۇق ماقالىنى ئوقۇساق، بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز (ماقالىنىڭ سۆز – جۈملىلىرى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىلدى).

 

      (ئۆرنەك)

يولدا

 

      بىر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن سومكامنى ئېسىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ئەمدىلا كۆۋرۈك بېشىغا كېلىۋىدىم، قۇرۇق ئۆستەڭدىن (يالت – يۇلت) قىلىپ يېنىۋاتقان بىر نۇر كۆزلىرىمنى چاقنىتىۋەتتى. ‹‹بۇ نېمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم مەن. دەرھال ئۆستەڭگە چۈشۈپ قارىسام نەم قۇمنىڭ ئۈستىدە بەش تېيىنلىق بىر تەڭگە پۇل پارقىراپ تۇرۇپتۇ، مەن پۇلنى ئېلىپ ئۆستەڭدىن چىقتىم، ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. شۇ تاپتا پۇل يوقاتقۇچى قانچە بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ – ھە! بەلكىم ئۇ ئىزدەم كېلىپ قالار، مەن شۇ ئوي بىلەن كۆۋرۈك بېشىدىكى قورام تاشتا ئولتۇرۇپ پۇل ئىگىسىنى ساقلاشقا باشلىدىم. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى، بىرەرسى پۇل ئىزدەپمۇ كەلمىدى، شۇڭا مەن بىر ئاز جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. كۈن ئولتۇراي دەپ قالدى، دەل شۇ چاغدا بىر بوۋاينىڭ ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم – دە، ‹‹بوۋا پۇل يوقىتىپ قويدىڭىزمۇ؟›› دەپ سورىدىم. بوۋاي باش لىڭشىتقان ھالدا جاۋاب بەردى: ‹‹شۇنداق بالام، بايان بەش تېيىن پۇلنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن، يولبۇيى ئىزدەپمۇ ھېچ تاپالمايۋاتىمەن، قانداقمۇ قىلارمەن – ھەي ...›› مەن شۇ ھامان قولۇمدىكى تەڭگىنى بوۋايغا تەڭلىدىم. ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ۋە: ‹‹رەھمەت ساڭا ئوغلۇم›› دېدى قولۇمنى قىسىپ تۇرۇپ، ‹‹بوۋا خوش ئەمىسە!›› مەن قايتىشقا تەمشىلىۋىدىم، بوۋاي ئالدىراپلا سورىدى: ‹‹بالام ئىسمىڭ نېمە؟›› مەن ‹‹ئىسمىم قىزىل گالىستۇك›› دېدىم – دە، يۈگۈرگەن پېتىم قايتىپ كەلدىم.

      (باھا)

      ساۋاقداشلار، سىلەر بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭلار؟ ماقالىنىڭ ماتېرىيالى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتىمۇ؟ سىلەرمۇ چوقۇم ئېنىق ھېس قىلدىڭلار، بۇ ماقالىدە يېزىلغان مەزمۇنلار ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان، بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى: ‹‹تەڭگە نەدىمۇ ۋال – ۋۇل چاقنىسۇن؟ بوۋاي بەش تېيىن پۇل ئۈچۈن شۇنچە ئاۋارە بولۇپ كېتەمدۇ؟›› دەپ ئويلىماي قالمايدۇ. مانا بۇلار ماتېرىيالنىڭ سۈنئىي بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر