باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشتىكى ئۇسۇللار

      1. سىستېمىلىق دەرس ئۆتۈش ۋە مەخسۇس تەربىيەلەش. تەربىيەچى مەكتەپتە مەخسۇس تېمىدىكى كۇرسلارنى پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەترەت كادىرلىرىنى ئەترەت نىزامنامىسى ۋە ئەترەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ.

      2. تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشقا قاتناشتۇرۇش. ئۆز ئەتراپىدىكى ئۈلگىلەر ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. تەربىيەچىلەر ئۈلگىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى بايقاشقا دىققەت قىلىپ، ئۈلگىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك ئەترەت باشلىقلىرى پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتى ياكى ئەترەت ھەيئەتلىرىگە ئۆز خىزمىتىنى دوكلات قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، يوقىرى دەرىجىلىك ئەترەت ھەيئەتلىرى يىغىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەترەت ھەيئەتلىرى يىغىنىنىڭ ئۇمۇمىي خىزمەتلىرىنى ياكى مەلۇم تۈردىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛ ئۈچىنچى، خىلمۇخىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ خىزمەت ئەھۋالى تەكشۈرۈپ باھالىنىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر