باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشتىكى يېڭى مەزمۇنلار

      1. ‹‹ئىككى ئاڭ›› يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     1) مۇلازىمەت ئېڭى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭى ھەربىر ئەترەت كادىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك تۇنجى ساپا. ئەترەت پائالىيەتلىرىدە تەربىيەچىلەر يېتەكلەش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەترەت كادىرلىرىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىشقا يېتەكلەش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەترەت كادىرلىرىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

     2) يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ يېڭى دەۋردىكى ئەترەت كادىرلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر ساپا.

       2. كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش.

      1) نۇتۇق، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. نۇتۇق ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، سۆزلەش ئۇسۇلى ۋە سەنئىتىنى ئىگىلەش زامانىمىز كىشىلىرى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ساپا. شۇڭا ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيلەشتە ‹‹ سۆز ››مەشىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

      2) تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئەمەلىي بولۇشى، كۈندىلىك پائالىيەتلەرگىچە سىڭدۈرۈلۈشى، قەدەم باسقۇچلۇق، ئىزچىللىققا ئىگە بولۇش كېرەك.

      3) باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كونكېرىت تەربىيەلەش جەريانىدا، تەربىيەچى ئۆگىتىش، كۆزىتىش، يېتەكلەش بىلەن ئۆزىگە قۇيۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئۆزىگە قۇيۇۋېتىش، نازارەتچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

      4) ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۆسمۈر – بالىلار تۇرمۇشى پۇرىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان پائالىيەتلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا چىنىقتۇرۇش كېرەك.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر