باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

سىنىپ كادىرلىرىنى قانداق تاللاش ۋە تەربىيەلەش كېرەك

      1. ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ سىنىپ خىزمىتىگە قويۇش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى ئادەتتە ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى لازىم.

      2. شەرت – شارائىتى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ كادىرلىقىغا تەيىنلەش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ يۈكى ئادەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ شەرت – شارائىتى ۋە ئائىلىدىكى يۈكىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

      3. سىنىپ كادىرلىرىغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنى تاللىغاندىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشكە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

      4. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىناۋەت خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تىكلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

      5. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. سىىنىپ كادىرلىرىمۇ مۇۋاپىق دەم ئېلىشى لازىم.  سىنىپ مەسئۇلى ئۆزى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى سىنىپ كادىرلىرىغا يۈكلەپ قويماسلىقى، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىشىغا سالماسلىقى كېرەك. قىسقىسى، سىنىپ مەسئۇلى سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا سىنىپ خىزمىتىدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر