باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش

      1. سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ كادىرلىرى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى، سىنىپتىكى تايانچ كۈچ. ئۇلار سىنىپ كوللېكتىپىنى يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاپ بېكىتىشتە ئەتراپلىق كۆزىتىش ۋە سىناپ كۆرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قەدەر ئىلغار، مەلۇم دەرىجىدە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، سىنىپ خىزمىتىنى قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ كادىرلىقىغا قۇيۇش لازىم.

     2. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ كادىرلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش، تەشكىللەش، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن سىنىپ كادىرلىرىنى مۇۋاپىق ۋەزىپىگە قۇيۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرسىنى كۆرسىتىپ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن دوكلات ئاڭلاش ۋە يېڭى خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ دادىل ئىشلەشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.

     3. سىنىپ كادىرلىرىغا سىياسىي ۋە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ كادىرلىرىغا بولغان سىياسى ۋە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردا ھەقىقەنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، راست گەپ قىلىدىغان، سەمىمىي ۋە كەمتەر، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

     4. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ سەمىمىي، كەمتەر، ئادىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش. چۈنكى، سىنپ كادىرلىرى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، سىنىپ كادىرلىرى ئەمەلىي ئەھۋالنى توغرا، ئەينەن ئىنكاس قىلىش لازىم.

     5. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ كادىرلىرىدا قىسمەن يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلسە سىنىپ مەسئۇلى ساۋاقداشلىرى ئالدىدىلا يېتەرسىزلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرمەي، ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تەربىيە قىلىپ، يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئىناۋىتىنى تىكلەشكە مەسلىھەت بېرىش ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش لازىم. 

     6. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ يۈكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسىدىن باشقا، يەنە سىنىپ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. شۇڭا، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى بەك ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر