باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ھەققىدە

      1. تاللاشتا ئاشكارا بولۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش. ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاشتا ئادىل بولۇش، سايلامدا نامزاتنى تەربىيەچى كۆرسىتىش، پىيونېرلار كۆرسىتىش، ئۆزى ئۆزىنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ. باھالىغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار، پىيونېرلار ۋە ۋەكىللەردىن تەركىب تاپسا بولىدۇ. رىقابەت شەكلىدە نۇتۇق سۆزلەش، ماھارەت كۆرسىتىش، ئۇنىۋېرسال ساپانى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىلمۇخىل شەكىللەرنى قوللانغاندا رىقابەتلىشىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      2. تەربىيەلەشنى بوشاشتۇرماسلىق، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. تەربىيەچىلەر چوقۇم ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، قاتلاملار بويىچە نازارەت قىلىش مېخانىزمنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ‹‹ئەترەت كادىرلىرى›› دېگەن نامنىڭ شەرەپلىك نام بولۇپلا قالماي، مەسئۇلىيەت، مۇلازىمەت، تۆھپە قۇشۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەترەت كادىرلىرىنى ساپالىق قىلىپ تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مەسىلەن: تەشۋىقات ھەيئەتلىرى ‹‹قارا تاختا›› گېزىتى ئىشلەش، ھۆسىنخەت يېزىش قاتارلىق تەرەپلەردە؛ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ھەيئىتى سەنئەت نۇمۇرلىرىنى تەييارلاش، ئەترەتنى تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ۋەزىپىسىنى نەتىجىلىك ئورۇندىيالايدۇ.

      3. ئىزدىنىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش. تەربىيەچىلەر ئەترەت خىزمىتى داۋامىدا ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالسىمۇ، قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرسىمۇ بولمايدۇ، تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ساپاسى، مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدا چېنىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مەسلەن، ئەترەت كادىرلىرىنى پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشتىكى قىزىق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ، ‹‹مەكتەپتىكى قىزىق نۇقتىلار›› پروگراممىسى تەسىس قىلسا، پائالىيەت داۋامىدا ئەترەت كادىرلىرى ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. گەرچە ئەترەت كادىرلىرى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. 

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر