باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئوبرازىنى قانداق تىكلەش كېرەك

      ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تەربىيەچىلەر مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

      1. ھوقوقنى قۇيۇۋېتىش. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ھوقوقى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھوقۇق بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىدە ياخشى مەسلىھەتچى بولۇشى لازىم.

      2. ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلەش. ئەترەت كادىرلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئىناۋەت تۇرغۇزۇش شەرتلىرىنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

       3. ئەترەت كادىرلىرىنى ئالىيجاناپ ئىدىيە – ئەخلاققا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش. تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشىگە، سەمىمىيلىك بىلەن لەۋزىدە تۇرۇشىغا، قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا، كەمتەرلىك بىلەن ياخشى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

      ياخشى خىزمەت ئۇسۇلى بولمىسا، ئەترەت كادىرلىرى پىيونېرلار ئارىسىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرالمايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارغا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئاساسىي خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قۇيۇشىمىز لازىم.

      يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەترەت خىزمىتىگە بولغان پىكرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۇنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا خىزمەت نىشانىنى بەلگىلەش؛ ئەترەت پائالىيىتىنى لايىھىلەشتە ‹‹قىسقا، جانلىق، ئەمەلىي، ئاسان›› بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش؛ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋىي لۇشيەندە مېڭىش؛ پىيونېرلارنى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر