باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا

      ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاش

      تەربىيەچى يېڭى ئەترەت كوللېكتىپىنى قولغا ئالغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئەترەت كادىرلىرىنى سايلاشقا ئالدىراپ كەتمەي، ۋاقىتلىق كادىرلارنى سايلاپ، ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى كۆزىتىپ، لاياقەتلىك كادىرلارنى سايلاپ چىقىش كېرەك.

      ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش

     تەربىيەچى ئەترەت كادىرلىرىنى مۇستەقىل ئىش بېجىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىشى، سىنىپتا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئابرويىنى تىكلىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ دائىملىق باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئەترەت كادىرلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى مۇستەقىل ئىش كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرغاندىلا ئۇلار ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇشۇنداق قىلغاندا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقى ئۈزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

      ئەترەت كادىرلىرىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاش

      تەربىيەچىلەر ئەترەت كادىرلىرى بىلەن پىكىرلەشكەندە ئۆزىلا سۆزلىمەي، ئۇلارنىڭ پىكرىنى كۆپرەك، ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ناۋادا ئۇلار ئۆز پىكرىنى دەرھال ئىپادىيەلمەي قالسا سەۋىرچان بولۇشى كېرەك، ئاڭلاش تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئەترەت كادىرلىرىغا تەربىيەچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنداق كەيپىياتتا ئەترەت كادىرلىرى ئەركىن خىزمەت قىلالايدۇ، ھەمدە ئەترەت خىزمىتىدە جانلىنىش بولىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر