باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

كىچىك ئەترەت كادىرلىرىنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش

      ئەترەت كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساۋاقداشلار ئارىسىدا يوقىرى ئابرويغا ئىگە بولغاچقا، ئۆزلىرىنى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە دەپ قارىشىدۇ، شۇنداقلا مەنمەنچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك بولىدۇ. تەربىيەچىلەر ئۇلاردىكى بۇ خىل مەنمەنچىلىك ئىدىيەسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىچىك ئەترەت كادىرلىرىنىڭ قەلبىدە ‹‹ئەترەت كادىرى بولۇش ئەمەل تۇتۇش بولماستىن، بەلكى كىچىكىمىزدىن تارتىپ خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش›› دەيدىغان ئىدىيەنى تىكلىشىگە، شۇنداقلا ئۇلاردىكى ئەترەت كادىرى بولغانلىق ‹‹باشقىلارنى باشقۇرۇش›› دېگەن خاتا قاراشنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم. ئۇنىڭدىن قالسا تەربىيەچىلەر ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق قىسمەن ھاكاۋۇر ئەترەت كادىرلىرىغا تەربىيە بېرىشى لازىم. ناۋادا ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكرىنى قۇبۇل قىلمايدىكەن، ئۇلار ئۆتكۈزگەن شۇ ئىشنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش لازىم. بۇنداق بولغاندا ئۇلار كۆپچىلىك ئالدىدا خىجىل بولۇپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ. تەربىيەچىلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تەربىيە بەرسە، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

      ئەمەلىيەت جەريانىدا بىزگە دائىم مۇنداق ئىشلار كۆپرەك يولۇقىدۇ: بەزى ئەترەت كادىرلىرى كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتناشقاندا ۋە خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ نام – ئابرۇيىنى كۆزلەپ بەزىدە يالغان سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تەربىيەچىلەر كىچىك ئەترەت كادىرلىرىغا ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئېنىق تۇنۇتۇپ، پىيونېرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەترەت تەشكىلى ئۈچۈن شان – شەرەپ كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى، خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ساختىلىق قىلماي، پىيونېرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشىشقا يېتەكلەش لازىم.

      كىچىك ئەترەت كادىرلىرىدا ھاكاۋۇرلۇق ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئەترەت كادىرلىرىغا تۈزۈملەشكەن دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پات – پات ئىچىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. يىغىندا تەربىيەچىلەر ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇۋېلىشىغا ۋە باشقىلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

      پىيونېرلار ئەترىتىدىكى ھەربىر كادىرنى ئەترەت قوينىدا چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، تەربىيەچىلەرنىڭ كىچىك ئەترەت كادىرلىرىنى ‹‹باشلامچى›› قىلىپ تەربىيەلەش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر