باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىدىكى مەغرۇرلۇق توغرىسىدا

      مەغرۇرلۇق پىسخىكىسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىگەندە، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك؟

      ‹‹كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش›› كېرەك. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئاسانلىقچە ئۆز خاتالىقىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كېسەلگە كەمتەرلىكنى ‹‹دورا›› قىلىش كېرەك، يەنى ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ‹‹ياخشىلار›› نى بىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلارنى شۇ سىنىپتىكى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ياخشىلارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىكى بولىدىغانلىقى، باشقىلار ئۆگىنىشتە ناچارراق بولسىمۇ، باشقا جەھەتتە ئۆزىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئۇلار بۇ قائىدىنى چۈشەنسە، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان، تىرىشىدىغان بولىدۇ. 

      بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا كەمتەرلىك تەربىيەسى بېرىشتە، يەنە تەربىيە سەنئىتىگە دىققەت قىلىش، كونكرېت مىساللار، جانلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق:

     1. قاراتمىلىقى كۈچلۈك، روشەن بولغان سىنىپ يىغىنى، ئەترەت يىغىنلىرىنى ئېچىش كېرەك.

     2. ئوقۇغۇچىلارنى مەملىكىتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پىيونېرلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى توپلاشقا ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

     3. ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە ئېلىپ بېرىپ، مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

     4. ھۆسنخەت، رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش، تېز ھېسابلاش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

     ئەترەت كادىرلىرى بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يېتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ھېس قىلالايدۇ؛ قابىلىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بولىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىشتە ياخشى بولۇش ھەممە تەرەپتە ياخشى بولۇش ئەمەسلىكىنى، كەمتەر بولغاندىلا ئىلگىرىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر