باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاش، تەربىيەلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك

       سىنىپ كادىرى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ياخشى ياردەمچىسى. ئەگەر سىنىپ كادىرلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تاللىيالىسا، سىنىپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، سىنىپ مەسئۇلى سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشقا ۋە تەربىيەلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.

      ئۇنداقتا سىنىپ كادىرلىرىنى قانداق تاللاش ۋە تەربىيەلەش كېرەك؟    

     1. سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشتا ئەتراپلىق كۆزىتىش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنى قول ئۇچىدىلا تاللاپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى يېڭىدىن ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن دىققىتىنى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە قارىتىشى كېرەك.

     2. سىنىپ كادىرلىرىنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن، سىنىپ مەسئۇلى ئۇلارنى سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى سىنىپ كادىرلىرىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

     3. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرىنىڭمۇ كەمچىلىك، خاتالىقلاردىن خالىي بولۇشى تەس. شۇنداق چاغلاردا ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىدلىمەي، خاتالىقىنى تۈزۈتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

     4. سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى ئۆگىنىشتىن سىرت، قۇشۇمچە سىنىپ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا ئائىلىسىگە ۋاقتىدا قايتىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئىشلىرىدا مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ ئىشىدىن نارازى بولىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مەسئۇلى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا سىنىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ھەمدە قىزغىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

      دېمەك، سىنىپ مەسئۇلى سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاش ۋە تەربىيەلەشكە ماھىر بولغاندىلا، سىنىپنىڭ بىر پۈتۈن خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىيەلەيدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر