باش بەت | مەشھۇرشەخسلەر

شاھ تاجىنىڭ سىرى

      قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ئارخىمېد (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 212 – 287 – يىللىرى) يۇيۇنۇش ئۈچۈن ۋاننىغا يېرىمدىن جىقراق ئىسسىق سۇ توشقۇزۇپ، ئەمدى تېخى سۇغا چېلىنىپ ئولتۇرۇپتىكەن. بىردىنلا ئۆزى يەڭگىللەپ، سۇدا لەيلەپ قالغاندەك بوپتۇ – دە، ئىسسىق سۇ ۋاننىدىن تېشىپ چىقىشقا باشلاپتۇ. ئۇ «سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن خىيال بىلەن ئورنىدىن تۇرغانىكەن، ۋاننىنىڭ سۈيى شۇ ھامان ئازلاپتۇ. ئۇ كىچىك بالىلارچە قىلىق قىلىپ، يەنە ۋاننادا ئولتۇرۇپ بېقىپتىكەن سۇ كۆتۈرۈلۈپ، ۋاننىدىن تېشىپ كېتىپتۇ.

      ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا يورۇپ كېتىپتۇ – دە، ۋاننىدىن سەكرەپ چۈشكەن پېتى قىپيالېڭاچ كوچىغا چىقىپ «ئەمدى بىلدىم، ئەمدى بىلدىم!» دەپ ۋارقىراپتۇ.

      بۇ بوۋاي ساراڭ بولۇپ قالغانمىدۇ؟ قاراڭلار، ئۇچىسىدا ھېچنېمە يوق، پۈتۈن ئەزايى ئوچۇق. ئەمەلىيەتتە، ئارخىمېد ساراڭ ئەمەس، ئۇ مۇھىم بىر سىرنى يەشكەنلىكى ئۈچۈن، بىرمەھەل ھەممىنى ئۇنتۇغان. شۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىقىدىكى سىراكۇزى خانلىقىنىڭ شاھى زەرگەر ئۇستامنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ساپ ئالتۇندىن چىرايلىق بىر تاج ياسىتىپتۇ. ئەمما ۋەزىرلەر بىر – بىرىگە كۇسۇلداپ «ساپ ئالتۇنمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا بىرنېمە دېيىش تەس» دېيىشىپتۇ.

      شاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئادەملىرىنى چاقىرىپ تاجنى ئۆلچىتىپتۇ، قارىسا تاجنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن زەرگەرگە بەرگەن ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش چىقىپتۇ. ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئارىلاشتۇرغان، ئارىلاشتۇرمىغانلىقىنى ئايرىغىلى بولماپتۇ، شۇڭا شاھ ئەقىللىق ئارخىمېدنى چاقىرىپ، بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپتۇ.

      ئەمدى ئاخىمېد يۇيۇنۇۋېتىپ، بىرنەرسىدىن ئىلھام ئاپتۇ – دە، شاھ تاجىنىڭ سىرىنى دەرھال ئېنىقلاپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ.

      ئارخىمېد كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئېڭىشىپ ئۆزىگە قاراپ، يالىڭاچ تۇرغانلىقىنى بىلىپتۇ – دە، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ، ھاپىلا – شاپىلا كىيىنىپ، ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ.

      ئۇ شاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ مۇنداق بىرنەرسىنى تەجرىبە قىپتۇ. ئېغىرلىقى ئالتۇن تاج بىلەن تەڭ كېلىدىغان بىر پارچە ئالتۇن كەلتۈرۈپتۇ، ئاندىن چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش كېلىدىغان ئىككى ئىدىش ۋە ئىككى تەخسە ئەكەلدۈرۈپتۇ – دە، ئالتۇن تاج بىلەن ھېلىقى ئالتۇننى ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۇ توشقۇزۇلغان ھېلىقى ئىدىشلارغا ساپتۇ. ئىدىشتىن سۇ چىقىپ كېتىشكە باشلىغاندا ھەر ئىككىسىدىكى چىقىپ كەتكەن سۇنى ئوخشاش تەخسىگە چۈشۈرۈۋاپتۇ. كېيىن تەخسىگە چۈشۈرۈۋالغان سۇلارنى ئايرىم – ئايرىم ئۆلچەپ كۆرۈپتىكەن، تېشىپ چىققان سۇنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئوخشاش چىقماپتۇ.

      ئارخىمېد شاھقا دەپتۇ:

      – ئەمدى كىسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ شاھ تاجىغا باشقا مېتال ئارىلاشتۇرۇلغان.

     – نېمە ئۈچۈن؟ — سوراپتۇ شاھ ئۇنىڭدىن.

      – شاھ تاجى بىلەن ساپ ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى ئوخشاش، ئەگەردە شاھ تاجى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولسا، ئۇنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولغان بولسا، ئىدىشتىن تىشىپ چىققان سۇنىڭ ئاز – كۆپلىكىمۇ ئوخشاش بولغان بولاتتى، مانا شاھ تاجىنى سالغان ئىدىشتىن تېشىپ چىققان سۇ كۆپ بولۇپ چىقتى، بۇ شاھ تاجىنىڭ ساپ ئالتۇنغا قارىغاندا چوڭ ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، شاھ تاجى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئەمەس، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

      شاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر دەرھال زەرگەرنى تۇتۇپ كەپتۇ، زەرگەردىن سوراپتىكەن، راست دېگەندەك شاھ تاجىنى مىس بىلەن ياسىغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ. شاھ تاجىنىڭ سىرى مانا مۇشۇنداق ئاشكارىلانغانىكەن.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر