باش بەت | مەشھۇرشەخسلەر

ئاسما چىراغنىڭ ئىلھامى

      گالىلې (1564 — 1642) ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى.

      گالىلې بىر كۈنى پىسا چېركاۋىغا بېرىپتۇ.  19 ياشلىق گالىلېنىنىڭ دىققىتىنى چېركاۋنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان مىس ئاسما چىراغ  تارتىپتۇ. ئۇ بىرھازا قارىغاندىن كېيىن، ئاسما چىراغنىڭ ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن كىرگەن شامالدا لىڭشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئاستا – ئاستا مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى – ئاسما چىراغنىڭ لىڭشىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەتكەن ۋاقىتنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

      ئىشىكتىن يەنە شامال كىرىپتىكەن، ئاسما چىراغ تازا بەك لىڭشىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ گالىلې ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ تومۈرىنى تۇتۇپ سانىغىلى باشلاپتۇ: بىر، ئىككى، ئۈچ ...ئاسما چىراغنىڭ لىڭشىشى ئۇ ياقتىن بۇ ياققا جەمئىي 20 قېتىم داۋاملىشىپتۇ. ئاسما چىراغنىڭ لىڭشىش دەرىجىسى كىچىكلىگىلى تۇرۇپتۇ، ئۇ تومۇرىنى تۇتۇپ يەنە ساناپتىكەن، ھەر قېتىمقى لىڭشىش يەنىلا 20 قېتىمغا يېتىپتۇ. «ئەسلىدە ئاسما چىراغنىڭ ھەربىر لىڭشىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت ئوخشاش بولىدىكەن – دە، دەپ ئويلاپتۇ ئىچىدە.

      گالىلې ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ھېلىقى ئۇ ياقتىن بۇ ياققا لىڭشىپ تۇرغان ئاسما چىراغ ئۇنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەپتۇ.

      ئۇ بىر تال شوينىغا ئېغىر بىر نەرسىنى ئېسىپ لىڭشىتىپ كۆرۈپتىكەن، مۇنداق بىر ھادىسىنى بايقاپتۇ: بىر قېتىملىق لىڭشىشقا كەتكەن ۋاقىتنىڭ ئېسىلغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئۇ پەقەت لىڭشىش ئارىلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى تەۋرەشنىڭ تەڭ ۋاقىتچانلىقى قانۇنىنى كەشىپ قىپتۇ.

      كېيىن گوللاندىيەلىك ئالىم ھېلىستىن ھېيگىنىس مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، توغرا ماڭىدىغان مېخانىكىلىق سائەتلەرنى كەشىپ قىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: ئاينۇر