ئەڭ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ئىش: دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش.
ئەڭ سۆيىدىغان ئادىمى: مېھرىبان ئانىسى.
ئەڭ ئۆچ ئىشى: باشقىلار يۇمۇر ئېيتىپ بەرگەندە كۈلمەسلىك.
قىزىقىشى: ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش، كومپيۇتېر ئويناش، ساياھەت قىلىش.
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مايكول جېكسۇندەك دۇنياغا تونۇلغان چولپان بولۇش، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش.
1999– يىلى شىنجاڭ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2004 – يىلى تەيۋەن ناخشا چولپىنى ‹‹چى چىڭ››نىڭ شىزاڭ، شاڭخەي ناخشا كېچىلىكىگە ئەزىز مېھمان بولۇپ قاتناشقان.
2005 – يىلى تەيۋەن ناخشا چولپىنى ‹‹چى چىڭ››نىڭ ۋۇشى ناخشا كېچىلىكىگە ئەزىز مېھمان بولۇپ قاتناشقان.
2006 – يىلى تەيۋەن ناخشا چولپىنى ‹‹چى چىڭ››نىڭ شىنجاڭ ناخشا كېچىلىكىگە ئەزىز مېھمان بولۇپ قاتناشقان.
ئىشلىگەن كىنوسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹پەن – تېخنىكا سارىيىدىكى ھېكايە››دە باش پىرسۇناژ ئادىلنىڭ رولىنى ئالغان. شىرزات يەنە جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئوپېراسىنىڭ ئىككىنچى كۆرۈنۈشى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە››دە ئاساسلىق رول ئالغان.