باش بەت | چولپانلار

ئارافات

     

 
 
 
 
 
 
 

      تۇغۇلغان ۋاقتى: 1998 – يىلى 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى.

      يۇرتى: ئۈرۈمچى.

      قىزىقىشى: سەنئەت، تەنتەربىيە، شاھمات.

      ئارزۇسى: كىنو چولپىنى بولۇش.

      ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: نان، شويلا، پولۇ، كاۋاپ، چۆچۈرە.

      ئالاھىدىلىكى: شۇخ، جانلىق.

      قاتناشقان ناخشا كېچىلىكى: ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە 1000 كۈن قالغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە داڭلىق ئارتىس چىڭ لوڭ بىلەن ناخشا ئېيتقان.

      دۇنيا مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.

      دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچىلار بىلەن بىللە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتقان.

      جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.

      2008 يىلى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.

      نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئارافاتمۇ شۇلارغا ئوخشاش كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئوغلىدىكى سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن ئارسلان ئاكا ئارافاتنى ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيەلەپ، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرىدۇ. ئارافات بەش ياشقا كىرگەندە بىر قانچە ناخشىنى راۋان ئېيتالايدىغان بولىدۇ.

      بىر كۈنى ئارافاتنىڭ ئاپىسى گېزىتتىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئالاھىدە 1 + 6›› سەنئەت پىروگراممىسىغا شىنجاڭدىن نامزات تاللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۇپ قالىدۇ. ئۇ ئارافاتنى قاتناشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاپ ئارافاتنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ.

      ئارافات تىزىملاتقانلارنىڭ 875چىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئوماق ھەم چىرايلىق ئارافات يېقىملىق ناخشىسى ۋە چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ مەيداندىكى مۇئەللىملەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە نەق مەيداندىلا ئارافاتنىڭ تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئارافات 2004 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئالاھىدە 1 + 6›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسى، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.

      ئاتا – ئانىسى ئارافاتنى بەش يېشىدىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ بىرىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارسلان ئاكا ئۇنى بېيجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكەيدۇ. دەسلىپىدە ئارافات ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاچقا خەنزۇ تىلىدا خېلىلا قېينىلىدۇ. ئارافاتنىڭ باشقىلارنى دوراش ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ خەنزۇ تىلىنى دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىپ ناھايىتى تېزلا سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ.

      ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىمۇ ئالاھىدىلىكى بار. يۈگۈرۈشكە، توپ ئويناشقا، چېلىشىشقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ، ئۇ ئۆز مەكتىپىدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۈگۈرۈش تۈرىدە ھازىرغىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەركىزىي تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلماقچى بولغان.

      ئارافات يېڭى مەكتەپكە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ئارافات تەبىئىتىدىن شوخ بولغاچقا سىنىپقا تىزىپ قويغان شاھماتقا قىزىقىپ بىر تال ئۇرۇقىنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىشىغا 6 – يىللىقتا ئوقۇيدىغان، شاھمات مۇسابىقىسىدە ئىزچىل بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر بالا ئۇنى مەنسىتمىگەندەك قىلىپ ‹‹شاھمات ئويناشنى بىلمىگەندىن كېيىن ئۇنى نېمىشقا تۇتىسەن›› دەپ ئارافاتنىڭ قولىدىكى شاھمات ئۇرۇقىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ئىش ئارافاتقا بەك ئېغىر كېلىدۇ. كەچتە ئارافات ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ شاھمات ئۈگىنىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاپىسى ئەتىسى ئۇنى شاھمات ئۆگىنىش كۇرسىغا بېرىدۇ. ئارافات 15 كۈن ئىچىدىلا شاھمات ئويناشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ھەم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شاھمات مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ھېلىقى بالىنى ئۇتۇۋېلىپ مەكتەپتىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرىدۇ.

      ئارافاتنىڭ ئوماقلىقى، چىرايلىقلىقى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقى نۇرغۇن داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ، چولپانلارنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە شۇتلاندىيەگە بېرىپ ئويۇن قويىدۇ. ئامېرىكىنىڭ لوس – ئانجېلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇ ئەسلىدە بىر ناخشا ئېيتماقچى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچى ئۇنىڭ ئوماق قىلىقلىرىغا ھەۋىسى كېلىپ ئۇنى 40 مېنۇتتەك سەھنىدىن چۈشۇرمەيدۇ. بۇنىڭغا رېژىسسورنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ. باشقا ئارتىسلارمۇ نومۇر ئورۇندىشى كېرەك – تە، لېكىن رېژىسسور ئارافاتنىڭ پۈتۈن قىلىقلىرىنىڭ تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ، كېچىلىكنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەھنىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ ئارافاتنى سۆيۇپ كېتىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹باس ــ باس›› تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر