باش بەت | چولپانلار

خاررى پوتتىر

    

 
 
 
 
 
 
 
 

  

      ‹‹خاررى پوتتىر›› فىلىمىدە باش رول ئالغان دانيېلنىڭ شەخسىي مۈلىكىنىڭ قىممىتى 300 مىليون يەتكەن بولۇپ، شاھزادە ۋىليام ۋە خاررىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

      ئىسمى: دانيېل. (daniel.radicliffe)

      تۇغۇلغان ۋاقتى: 1989 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى.

      تۇغۇلغان جايى: لوندۇن

      ئېگىزلىكى: 1.70

      21 ياشلىق دانيېل بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ‹‹خاررى پوتىر››نىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىر شىركەت قۇرۇپ مۈلكىنى باشقۇرۇپ بەرگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئەنگلىيە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تاپشۇرغان تىجارەت كىرىمى ھېسابات جەدۋىلىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلى تەخمىنەن 75 مىليون يېتىدىكەن. ئۇ ياش تۇرۇپلا نيويۇرك ئۆي – زېمىن بازىرىغا قەدەم قويغان ھازىر ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئۈچ يۈرۈش ئۆيى بولۇپ، قىممىتى 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن، ئەگەر ‹‹خاررى پوتتىر›› فىلىمىدىن 130 مىليون رول ئېلىش ھەققىنى ئالسا شەخسىي مۈلىكىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.

 

 
مەنبە: ‹‹ئۇلىنىش›› تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر