باش بەت | چولپانلار

دىلارە

     

 

     

      دىلارەنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئاپىسى تاجىك. ئۇ 1996 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان بۇلۇپ سىنىپ ھەيئىتى. ئۇدا ئۈچ يىل ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولۇپ سايلانغان. دىلارە كىچىكىدىن باشلاپلا سەنئەتنى ياخشى كۆرىدۇ. ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا ماھىر بولۇپ ئۈچ يېشىدىن باشلاپ شىنجاڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا نومۇر ئورۇندايدۇ ۋە كۆپ قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان نۇرغۇن شان – شەرەپلەر ھەمدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. دىلارە خەلقئارالىق چولپان مايكول جېكسوننى دوراپ ئۇينىغا ئۇسسۇلى ۋە ھەمدە جىڭجۈ تىياتىرىدىكى پىرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى ئۆز ئەينى دورىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

      دىلارە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ‹‹ئالاھىدە 6 + 1››، ‹‹سۇبات سەھنىسى›› قاتارلىق ھەر خىل پىروگراممىلارغا قاتنىشىپ ئۆسمۈرلەر قەلبىدىكى ‹‹كىچىك چولپان››غا ئايلانغان.

 

مەنبە: ‹‹بەيدۇ›› تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر