باش بەت | چولپانلار

كىچىك خۇجايىن

     

 
 
 

      ئىسىم – فامىلىسى: ماك كاۋلېي.كۇلكىن.

      تۇغۇلغان ۋاقتى: تۇغۇلغان يېرى: نيۇيورك.

      ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ باي ئۆسمۈر چولپان ماك كاۋلىي.كۇلكىن 1980 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى نيۇيوركتا توغۇلغان. ئۇلار يەتتە بالا بولۇپ ئۇ بالىنىڭ ئۈچىنچىسى. ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپلا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان. سەككىز يېشىدا ‹‹يوقالغان چوڭ دېڭىز›› ۋە ‹‹يات جىنسلارنىڭ تارتىش كۈچى›› قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان. توققۇز يېشىدا ‹‹باك تاغا›› ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن. 1990 – يىلى رېژىسسور كىرېس.گولۇمبۇس، سېنارىيە يازغۇچىسى جون. خۇگېسنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 200 نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدىن ماك كاۋلېي.كارجىننى ‹‹كىچىك خۇجايىن›› ناملىق فىلىمنىڭ باش رولچىلىقىغا تاللىغان. بۇ فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ماك كاۋلىي ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنو چولپىنى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە ‹‹سۆيۈملۈك كىچىك مەشۇقۇم›› (1991 – يىلى)، ‹‹كىچىك خۇجايىن 2›› (1992 – يىلى)، ھەمدە ‹‹خەتەرلىك كىچىك پەرىشتە›› (1993 – يىلى) قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ رولغا چىقىش ھەققى 5 يۈز مىڭ ياۋرۇ بولغان. 1994 – يىلى 14 يېشىدا 8 يۈز مىڭ ياۋرۇغا يېتىپ، ئەينى چاغدىكى رولغا چىقىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى كىچىك چولپانغا ئايلانغان.

      15 ياشقا كىرگەندە ئاتا – ئانىسى ئايرىلىپ كەتكەن ھەمدە ۋەسىيەلىك ھوقوقىنى تالاشقان، بولۇپمۇ ماك كاۋلېي ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى (ئۇمۇ كىچىك چولپان ئىدى) نامىدىكى مۈلۈك نەچچە يۈز مىڭ ياۋرۇ ئىدى. بۇ ئىش ماك كاۋلېيغا ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسەتكەن. 1995 – يىلى مەڭگۈ كىنو ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ماك كاۋلېينىڭ 17 يۈزمىڭ ياۋرۇ بايلىقى بولۇپ بۇ بايلىقى پىچەتلەنگەن شەخسىي ھېساباتىدا ئىدى. بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ئۇ قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن بىر تىيىننىمۇ ئالالمايتتى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلىرى ماك كاۋلېيغا قاراشلىق بولۇپ ئۇنىڭ خىزمىتى بولمىغاچقا ئائىلىسىدە پۇل تۈگەپ ھەتتا ئۆي پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن.

      1996 – يىلى 16 ياشقا توشمىغان ماك كاۋلېي نيۇيوركتىكى مەخسۇس بالىلار مەكتىپىدە تاساددىپىي ئۆزى بىلەن تەڭتۇش قىز چولپان شىچىل. ۋانيىننانى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. 18 ياشقا توشمىغان ماك كاۋلېي شىچىل. ۋانيىننا بىلەن توي قىلىدۇ. بىراق، 2000 – يىلى ئۇلار ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى شىچىل. ۋانيىننا بىر ئائىلىگە مۇھتاج بولسا، ماك كاۋلېي سەھنە ھاياتىنى باشلاش خىيالىدا ئىدى. ئىككىسى ئايرىلىپ كېتىپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۇ لوندۇندا قايتىدىن سەھنىگە چىقىدۇ. 2003 – يىلى ئۇ يەنە ‹‹يىغىلىشتىكى غەلىتە مەخلۇق›› فىلىمىدە رول ئالىدۇ. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ خېلى كۆپ روللارنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقىدەك نام قازىنالمايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹بەيدۇ›› تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر