باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىش تەربىيەسى بېرىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى

مەھمۇت سېدىق

     

       ئەل ئارىسىدا: «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن» دەيدىغان ئەقلىيە بار. شۇڭا ئاتا – ئانا بولغۇچىلار بالا تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

      1. بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقى – پەزىلىتى ئائىلىدە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. جېدەل – ماجىرا، غەيۋەت – شىكايەت كۆپ بولىدىغان، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، پۇل تېپىشتىن ئۆزگە ئائىلە مەدەنىيىتى بولمىغان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئائىلە مەدەنىيىتى ئۇنتۇلغان، ئادەملەرگە ئورۇن – مەرتىۋىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ قەلبىدىمۇ شۇنىڭغا لايىق روھ يېتىلىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ساغلام خاراكتېر، ئەخلاقىي – پەزىلەت ئۆزلەشمەيدۇ.

      2. ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنى روھىي جەھەتتىن ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇرۇشى، ساغلام بولمىغان ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

      بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ھە دېسىلا بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ناتوغرا ئىستىللار، ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا پۇلپەرەسلىك، ئەيش – ئىشرەتۋازلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك چۈشەنچىلىرىنى سىڭدۈرىدۇ. بۇ خىل ئىدىيە سىڭگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، گەپ – سۆزلىرىگە قايىل بولمايدۇ، قەلبىدە ئىنكارچىلىق تۇيغۇسى بارا – بارا باش كۆتۈرىدۇ؛ كىچىك مەسىلىلەرگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، كەيپىياتى تۇراقلىق بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، شەخسىيەتچىلىك، بەڭباشلىق خاھىشى بۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە بىخ سۈرىدۇ.

      بەزى ئائىلىلەر باياشات تۇرمۇش ئىچىدە ياشىغاچقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددىي – ساددا بولۇشتەك روھىي كەمچىل بولىدۇ، بارلىق ئىستېمال جەريانىدا ھەشەمەتچىلىكنى، ئەيش – ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشنى قوغلىشىدۇ، بۇ خىل مۇھىت بالىلارنىڭ قەلبىگە بىلىندۈرمەي يامان تەسىرلەرنى سىڭدۈرىدۇ. يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمالغا كۆنگەن ھەم قوغلىشىدىغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلاردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ شۇ بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل تەلەپ – ئېھتىياج ئاتا – ئانىلارنى ھالسىرىتىپ قويىدۇ، بالىلار ئالدىدا ئامالسىز قالىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

      يەنە بەزى بالىلار ئىناق بولمىغان ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە ياشايدۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ پىكىر ئورتاقلىقى بولمايدۇ، بىر يەرگە كېلىپ بار مەسلىھەت ئىش قىلىدىغان ۋاقتى بولمايدۇ، ئەر – ئايال تۇرمۇشتا ئۈستۈنلۈك تالىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىكى بۇ سوغۇق كەيپىيات، ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئېڭى بالىلارنىڭ قەلبىدە جاراھەت پەيدا قىلىدۇ.

      يەنە بەزى بالىلار تىللاش، قورقۇتۇش، بۇيرۇق قىلىش تەربىيە مۇھىتى ئىچىدە ياشايدۇ، بالىلارنىڭ ئائىلىلەردە ئەركىنلىكى بولمايدۇ، ھەتتا بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تىللايدۇ، بۇ خىل مۇھىت بالىلارنىڭ قەلبىنى، ئىرادىسىنى كىچىكىدىنلا نابۇت بولۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.

      3. بالىلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىش تەربىيەسى بېرىشتىكى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ھالقا — ئۇلارغا مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىتىش كېرەك.

      رېئال تۇرمۇشتا بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بارلىق تىرشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرى غورىگىل ياشىسىمۇ، بالىلارنىڭ ماددىي تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. «مەن كېچە – كۈندۈز بالام ئۈچۈن پۇل تېپىۋاتىمەن» دەپ ئويلايدۇ، بۇنداق ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىغا مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ يۇ، قەلبىگە، مەنىۋىيىتىگە مەبلەغ سېلىشنى مەكتەپكە، جەمئىيەتكە تاشلاپ قويىدۇ. بالىنىڭ ئائىلىدىكى پائالىيىتىنى سىستېمىلىق، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئەھۋالى بىلەن كاراى بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشقا قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ – دە، ئاتا – ئانىلار بۇ چاغدا مەكتەپكە قاتىراپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن سىردىشىپ، بالىلارغا قاتتىق قاتتىق – يۇمشاق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، بىراق ئۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇنداق بالىلار پۇل خەجلەشكە ماھىر كېلىدۇ، نېمىنى سېتىۋالغۇسى كەلسە شۇنى سېتىۋالىدۇ، بىر ئاماللار بىلەن ئاتا – ئانىسىدىن پۇل ئېلىشنىڭ غېمىدە يۈرىدۇ، ئاتا – ئانىسى ئۇلارنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا، يامان كۆرۈنۈپ قالىدۇ، بۇنداق بالىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسىنى قاخشىتىپلا قالماي، ئائىلىدە ئاتا – ئانىسىنى قاخشىتىدۇ، ئۇلار يېيىش، كىيىش، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ، ساغلام بولمىغان پىسخىكىلىق ھالەت ۋە قىزىقىش ئۇلارنى ھىيلە – مىكىر بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.

      يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلارغا ھەممە ئىشنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق قىلىپ بەرسە، مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمگەك، تازىلىقلارغا بالىلىرىنى قاتناشتۇرمىسا ياكى قاتناشتۇرغاندىمۇ بۇ ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىش ھەققىدە تەربىيە بەرمىسە، ئۇ ھالدا بالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى چىنىقتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ – دە، تەييارغا ھەييار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى يېڭىش ئىقتىدارى يېتىلمەيدۇ.

      4. بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئالاھىدە بولۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق، شۆھرەتپەرەسلىكىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

      پىسخۇلوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ماختانچاقلىق بالىلارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى بىۋاسىتە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىدا شۆھرەتپەرەسلىك پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ قەلبىدە بىخلانغان بۇ خىل شۆھرەتپەرەسلىك ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدا پەيدا بولغان قارشىلىشىش پىسخىكىسى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بالىلار مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە قىزىقماستىن، بەلكى كىيىم – كېچەكتە، يېمەك – ئىچمەكتە بەسلىشىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەسىگە ئەمەس، بەلكى كىيىم – كېچىكىگە نەزەر سالىدۇ. مودا كىيىملەرنى كىيىش، يەپ – ئىچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزلىرىنى كۆز – كۆز قىلغۇسى كېلىدۇ. ئاتا – ئانىلار بارا – بارا بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنلىمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلىرى بىلەن ئەستايىدىل سىردىشىشى، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىخلانغان شۆھرەتپەرەسلىك، ناچار بەسلىشىش خاھىشلىرىنى توغرا يولغا باشلاشقا، يېتەكلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى زۆرۈر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر