باش بەت | ئەنئەنۈىي ئويۇنلار

‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى

     ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز – ئوغۇل ئۆسمۇرلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، مەزمۇنغا باي ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممە پەسلىدە ئوينىلىدۇ.

     بۇ ئويۇننى ئويناشتا، بالىلار پاكىز، ئازادە مەيدانلارغا توپلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن چوڭراق ئىككى بالىنى ئاساسلىق رول ئالغۇچى قىلىپ سايلايدۇ. بۇ ئىككى بالىنىڭ بىرى ‹‹ئانا›› بولۇپ قالغان بالىلارنى بويسۈرە سەپكە تۈزىدۇ. ‹‹ئانا›› بالىلارغا سەپنى بۇزغۇچىلارنىڭ ‹‹يامان ئاقىۋەت››كە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى، سەپنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشتا چوقۇم ‹‹ئانا››نىڭ ھەرىكىتىگە يېقىندىن ماسلىشىش زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تاپىلاپ، ئۆزى سەپنىڭ بىشىدا تۇرىدۇ. يەنە بىر بالا ‹‹ئانا›› ۋە بالىلار ھاسىل قىلغان سەپنى بۇزۇپ، بالىلارنى ‹‹ئۆز ئىگىدارچىلىق››غا ئالغۇچى ‹‹رەقىب›› سۈپىتىدە قاتار بېشىدىكى ‹‹ئانا›› بىلەن قارشىلىشىدۇ.

 

 

      ئويۇن باشلىغاندا، ‹‹ئانا›› ئۆز بالىلىرىنى بىر – بىرىنىڭ كەينىدىن مەھكەم تۇتۇپ رەقىبىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىققا ئۈندەپ، ئىككى قولىنى ئىككى تەرەپكە ئېچىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ‹‹ئانا›› بىلەن ‹‹رەقىب›› ئوتتۇرىسىدا قوشاق ئېتىشىش باشلىنىدۇ.

      ‹‹رەقىب››: قارا – قارا قۇشلارىم، ئارقاڭدىكى نېمەرىڭ؟

      ‹‹ئانا››: ئۇششاق – ئۇششاق باللىرىم!

      ‹‹رەقىب››: ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟

      ‹‹ئانا››: كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ!

      ‹‹رەقىب››: كۈچۈم نەگە كېتىپتۇ؟

      ‹‹ئانا››: ئالا تاغقا كېتىپتۇ!

      ‹‹رەقىب››: ئالا تاغدا نېمە بار؟

      ‹‹ئانا››: ئالىيېشىل قۇشلار بار.

      ‹‹رەقىب››: ئۇنداق بولسا بارايچۇ، قۇشتىن بىرنى تۇتايچۇ.

      شۇنىڭ بىلەن ‹‹رەقىب›› دەرھال ‹‹ئانا››نىڭ كەينىدىكى بالىلارنى قوغلايدۇ، ‹‹ئانا›› ‹‹ۋاي باللىرىم، سار كەلدى!›› دەپ ۋارقىراپ بالىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بالىلار ‹‹ئانا››نىڭ كەينىدە بىر – بىرىنى قويۇۋەتمەستىن ئۇيان – بۇيان چېپىشىدۇ. ‹‹ئانا›› بولسا ۋەھىمە سېلىۋاتقان ‹‹رەقىب››نىڭ ئالدىنى توسۇپ، بالىلارنى قوغدايدۇ. ناۋادا بالىلاردىن بىرەسى سەپتىن چۈشۈپ قالسا، ‹‹رەقىب›› ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ‹‹ئانا››نىڭ كەينىدىن باشقا بالىلارنىمۇ بىر – بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈپ، ‹‹ئانا››نى يالغۇز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئويۇن ‹‹ئانا›› يالغۇز قالغان چاغدىلا بىر نۆۋەت ئاخىرلىشىپ، بالىلىرىنى تارتتۇرۇپ قويغۇچى ‹‹ئانا››نىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ‹‹رەقىب››نىڭ رولىنى ئېلىشى بىلەن يۇقىرىقى شەكىلدە تەكرار داۋاملىشىدۇ.

      بالىلار ‹‹قارا –قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى ئارقىلىق ئىناقلىقنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھېس قىلىدۇ، ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە يېتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر