باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇشى

       ياخشى كەيپىيات ۋە ئاكتىپ ھېسسىياتنىڭ پىيونېرلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تەرتىپلىك ۋە دېموكراتىيە بولغان كۆڭۈللۈك كوللېكتىپ پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. قانداق قىلغاندا پىيونېرلارنىڭ كۆڭۈللۈك، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان، دوستانە، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەترەت كوللېكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟

      ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىشتا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ياخشى رەھبەرلىك يادروسى، قابىلىيەتلىك ئەترەت كادىرلار قۇشۇنى بولۇشى كېرەك. قانداق قىلغاندا ئەترەت كادىرلىرىنى پۈتۈن سىنىپنى ھەقىقىي يېتەكلەيدىغان ‹‹پاراۋۇز››غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ 

      بىرىنچى، ئەترەت كادىرلىرىنى پائالىيەت مەيدانى، ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش. دېموكراتىك سايلام ئىلىپ بېرىش، ئەترەت يىغىنىغا نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلىپ، خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، ئۆزئارا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باراۋەرلىكنىڭ خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش.

      ئىككىنچى، ئۆزى ئەھدىنامە تۈزۈپ، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن خوشاللىق ھېس قىلىش. پىيونېرلار ئۆزلىرى تۈزگەن ئەھدىنامىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئەھدىنامە ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

      ئۈچىنچى، ‹‹كىچىك بۈركۈت ئىستىراھەت كىچىك ئەترىتى››نى تەشكىللەپ، مەھەلىلەرگە بېرىپ، پائالىيەتنى خوشاللىق بىلەن قانات يايدۇرۇش.

      تۆتىنچى، ھەربىر پىيونېرنى كۆڭۈللۈك دوستلۇق ئورنىتىشقا دەۋەت قىلىش. كۆڭۈللۈك ئوتتۇرا ئەترەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ھېسسىيات ئارقىلىق پىيونېرلارنى قەلبىنى باغلاشقا توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر