باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەت پائالىيەت شەكلىنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرەيلى

                                              ئىنھامجان نەۋرىدىن

      پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ياش – ئۆسمۈرلەرنى غايىلك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، پىيونېرلار ئەترەتلىرى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، شەكلىنىڭ خىلمۇخىللىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

      ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ شەكلى نۇرغۇن، ئاساسلىقى، ئەترەت يېغىنى ئىچىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، پىيونېرلار ئەترىتىگە يېڭى قان قۇبۇل قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئاممىۋىي ئەمگەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

      1. ئەترەت يىغىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئەترەت پائالىيىتىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ئاساسلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئەترەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ئەترەتنىڭ خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىش، مەخسۇس تېما بەلگىلەپ نۇتۇق سۆزلەش، خاتىرى كۈنلەردە تەبرىكلەش يېغىنلىرىنى ئېچىش، تام گېزىتى چىقىرىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلدۇ.

      2. پىيونېرلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ پائالىيەت ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، قەھرىمان، نەمۇنىچىلارنى زىيارەت قىلىش، قوشنا مەكتەپلەر ئارا دوستلۇق ئورنىتىش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، لاگېر پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      3. پىيونېرلارنى مۇۋاپىق ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ پىيونېرلارنىڭ كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلەش ۋە كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور.

      4. پىيونېرلارنى تۈرلۈك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ جەلپكارلىقى كۈچلۈك، پىيونېرلار ئەڭ قىزىقىدىغان، مۇئەييەن تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەر بولۇپ، پىيونېرلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ھەر تەرەپلىمە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

      5. پىيونېرلار ئەترىتىگە يېڭى قان قۇبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەترەتلەر ئۆز قۇشۇنىنى زورايتىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ. تەربىيەچى شۇنى تۇنۇشى كېرەككى يېڭى قان قۇبۇل قىلىش سانى ۋە خاراكتېرى چەكلەنمەيدۇ. شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە قەرەللىك ھالدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئەترەتكە يېڭى قان قۇبۇل قىلىش لازىم. باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پىيونېرلارنىڭ سانى چوقۇم ئۇمۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئاز دېگەندە 60 پىرسەنتنى ئىگىلىشى مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە تەدرىجىي ھالدا تۇلۇقلاش لازىم. خاراكتېرى دېگەندە، پىيونېرلار ئەترىتى پەقەت ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا تەشكىلاتى بولۇپ قالماستىن، ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشى كېرەك.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر