باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرايلى

      ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ئۇسۇل كىچىك ئەترەتنى ياخشى تۇتۇشتىن ئىبارەت. كىچىك ئەترەت پائالىيىتى جانلىقلىققا ئىگە بولۇپ، پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئادەم سانى، سورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

      پائالىيەت جانلىق، ئادەم سانى ئاز بولسا ئۇيۇشتۇرۇش ئاسان، بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلىش ئاسان، ھەركەت تېز، يېغىلىش تېز بولىدۇ.

      پائالىيەت ئورنى جانلىق بېكىتىلىپ، پائالىيەت قانات يايدۇرۇلىدىغان سورۇن، مەيدان خالىغانچە كېڭەيتىلسە بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن كەڭ. مەسىلەن، ‹‹مېھرىبان كىچىك ئەترەت›› ئىگە – چاقىسىز بوۋاي مومايلارغا تۈگرە تۈگۈپ ئاپىرىپ بەرسە، ئۆيلىرىنى تازىلاپ بەرسە، ‹‹كەلگۈسىدىكى دوكتۇرلار كىچىك ئەترىتى›› پەن – تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا، ‹‹مۇھىت ئاسراش كىچىك ئەترىتى›› مەھەلىلەرگە بېرىپ ‹‹دۇنيا ماشىنىسىز كۈن›› تەشۋىقات پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تۇرمۇشنى چۈشىنەلەيدۇ.

      ۋاقتى جانلىق بولۇپ، پائالىيەتنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقتىدا قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتى پەسىل ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە بەك ئاز ئۇچرايدۇ.

      شەكلى جانلىق، ئاددىي ياكى رەڭگارەڭ ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىل تاللاش بوشلۇقى شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جەمئىيەت تەكشۈرۈش، مەھەلىلەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، پەن – تېخنىكىغا ئائىت كىچىك ئىلمىي ماقالە يېزىش، ئىگە – چاقىسىز بوۋاي – مومايلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق خىلمۇخىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللىسىمۇ بولىدۇ.

      كىچىك ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جانلىقلىقى يوقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەقىل ئىشلىتىدىغانلا بولساق تېخىمۇ يېڭى شەكىللەرنى تېپىپ چىقالايمىز.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر