باش بەت | ئەنئەنۈىي ئويۇنلار

‹‹مۆكىمۆكىلەڭ›› ئويۇنى

      ‹‹مۆكىمۆكىلەڭ›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى سۆيۈنۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹بېكىتى – بۆكىتى›› دەپ ئاتالغان، ھازىر ‹‹بۆك – بۆك››، ‹‹ئاتانەك›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

      بۇ ئويۇن ئادەتتە كەچ كۈز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننى ئىككى بالا ئوينىسىمۇ، بالىلار كوللېكتىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن باشلاشتىن ئىلگىرى بالىلار بىر يەرگە توپلىشىپ، ئۆز ئىچىدىكى ئىككى ‹‹ئانا››نىڭ رەمبۇت ئېلىشى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، مەلۇم ئورۇننى ‹‹ئوردا›› قىلىپ بېكىتىپ، بەلگىلىك چوڭلۇقتا چەمبەر سىزىپ قويىدۇ.

 

 

      رەمبۇتتا تۇنجى قېتىم ئەزا تاللىغان تەرەپ ‹‹ئوردا››دا قىلىپ، قارشى تەرەپ ئەزالىرى مەلۇم ئارىلىققا بېرىپ مۆكۈۋالغۇچە مۆككۈچىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرىدۇ، بىرەر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ئەزالىرىدىن بىر نەچچىنى ‹‹ئوردا››نى بېقىشقا قالدۇرۇپ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ مۆككۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ. ‹‹ئوردا›› ساقلىغۇچىلار مۆككۈچىلەرنىڭ ‹‹ئوردا››غا كىرىشىنى توسىدۇ. شەرت شۇكى، مۆككۈچىلەر قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماي، تېزدىن ‹‹ئوردا››غا كىرىپ ‹‹ئاتانەك!›› دەپ توۋلاپ، ئۆزىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرىغا، بولۇپمۇ ‹‹ئوردا›› ساقلىغۇچىلارغا ئوقتۇرۇشى لازىم. ‹‹ئودا›› ساقلىغۇچىلار ئۆزى تۇتۇۋالغان قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك ئاتاپ تۇرۇپ بېشىغا بوش – بوش ئۇرۇش ئارقىلىق، ‹‹پاخشە›› بولغانلىقىنى ئۆز ئەزالىرىغا ۋە قارشى تەرەپ ئەزالىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ئويۇندا ‹‹ئوردا››دا قالغان تەرەپنىڭ ئەزالىرى مۆككۈچى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتمىغۇچە ‹‹ ئوردا›› ساقلاش ئالماشمايدۇ، ھەتتا مۆككۈچى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى ‹‹ئوردا››غا كېلىپ ‹‹ئاتانەك!›› دېۋالسا، ‹‹ئوردا›› ساقلىغۇچىلار كېيىنكى نۆۋەتتىمۇ يەنە ‹‹ئوردا›› ساقلايدۇ. ئەگەر ‹‹ئوردا›› ساقلىغۇچى تەرەپ مۆككۈچى تەرەپنىڭ ھەممە ئەزاسىنى تۇتۇۋالسا، مۆكۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ.

      بۇ ئويۇندا بالىلارنىڭ قائىدىگە بويسۇنۇپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى، سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ئۆزئارا ماسلىشىشنى، چەبدەسلىك ۋە چىچەنلىك بىلەن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئۆگىنىدۇ، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر