باش بەت | ئەنئەنۈىي ئويۇنلار

‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى

      ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەنئەنىۋى ئويۇن. بىجىگەن توپنى بۈگۈندىكى ‹‹چاكۈم››، ‹‹توپ جىجىق›› ئويۇنلىرىدا ئىشلىتىلدىغان چوڭ – كىچىك رېزىنكە توپلارنىڭ ئانىسى ياكى دەسلەپكى شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ‹‹توپ جىجىق››، ‹‹چاكۈم›› ئويۇنلىرىنى كەشىپ قىلىش ۋە ئويناش جەريانىدا توپ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن، شۇخىل ھاجەت تۈپەيلىدىن توپ ياساشقا كىرىشىپ، ئۆزلىرىدە بار خام ماتېرىيال ئاساسىدا چوڭ – كىچىك، رەڭگارەڭ بىجىگەن توپلارنى ياساپ چىققان.

      بىجىگەن توپ شەكلى جەھەتتە چوڭ – كىچىك بولىدۇ. يەنى بۇخىل توپنىڭ چوڭى چوڭلارنىڭ مۇشتۇمىچىلىك، كىچىكى ياڭاقچىلىك بولىدۇ. بىجىگەن توپ تالالىرىغا قاراپ 4، 6، 9، 12 تالالىق بىجىگەن توپ ياكى ‹‹خامانچە›› دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، ھەربىر تالا بىر خىل رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تالا سانىغا ئەمەس، رەڭگىگە قاراپ قارا كۆزلۈك، سېرىق كۆزلۈك، چەچ رەڭ بىجىگەن توپ دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

 

 

      بىجىگەن توپنى ياساش ئۇسۇلى: ياڭاقنىڭ شاكىلى ئىچىگە شاپتۇل ئۈچكىسى ياكى چىلان ئۇرۇقچىسى سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرەكسىز لاتا ۋە يىپلار يۆگىلىدۇ ياكى لاتا، يىپلار شاپتۇل ئۈچكىسىگە بىۋاستە يۆگەلسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە ئۈچكە چوڭ توپقا ئۈچ تالدىن، كىچىك توپقا بىر تالدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچكىگە يۆگەلگەن كېرەكسىز لاتا ۋە يىپلار بەك چىڭ يۆگىلىشى شەرت. ئۇنداق بولمىغاندا، توپنى رەڭلىك يىپەك بىلەن بىجەشكە بىئەپ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل توپ يەرگە كۈچەپ ئۇرۇلۇپ ياكى كالتەك بىلەن ئۇرۇلۇپ يەردىن ئۆرلىتىلدىغان بولغاچقا، ئالاھىدە پۇختا بولمىسا بىرەر قېتىم ئويناشقىمۇ يارىمايدۇ. دېمەك، قىزلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان شەكىلنى تاللىۋېلىپ توپنىڭ لاتا – پۇرۇچ قەۋىتىنى يۆگەپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىلەپ قېلىن بىر قەۋەت يىپ يۆگىۋېتىپ، يەنە تالا سېلىپ، ئاندىن رەڭگارەڭ يىپەكلەر بىلەن توپنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى بىجەيدۇ. قانچە رەڭ ياكى قانچە تالالىق قىلىش ھەربىر قىزنىڭ ئۆز خاھىشىغا باغلىق، لېكىن ئادەتتە تۇراقلاشقان، دائىم ئىشلىتىلىدىغان رەڭ ياكى تالا نۇسخىلىرى بولىدۇ.

      بىجىگەن توپنى ئويناش ئۇسۇلى ئۈچ خىل: بىرىنچى، چاكۈم بىلەن قوشۇپ ئوينىلىدۇ؛ ئىككىنچى، جىجىقتا ئوينىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل ئويناش ئۇسۇلى ‹‹توپ جىجىق››، ‹‹چاكۇم›› ئويۇنىدا سۆزلەنگەن بولغاچقا، بۇ يەردە پەقەت كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئويناش ئۇسۇلى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

 

 

      بىجىگەن توپنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئويناش قىز – ئوغۇللارغا، ئومۇمەن قىزلارغا تەۋە. بۇ ئويۇننى ئويناشقا توملۇقى 2 – 3 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىرلىق كالتەك ياكى ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3 – 4 سانتىمېتىر كېلىدىغان قېلىن تاختاي ئىشلىتىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئىككى ‹‹ئانا››نىڭ رەمبۇت ئېلىشى ئاقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ، ئاندىن بىر مەيداندا گۇرۇپپا بويىچە ئېلىشقا تېگىشلىك نومۇر چېكى توختىتىلىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا، توپ تاختاي ياكى كالتەك بىلەن يەرگە ئۇرۇلۇپ، ئوينىغۇچىنىڭ مەيدىسى ئېگىزلىكىدە قاڭقىپ چىققاندا بىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر قېتىم ئۇرۇلغان توپ ئېگىزلىك ئۆلچىمىگە يەتمىسە، ئوينىغۇچىنىڭ شۇ قېتىملىق نۆۋىتى تۈگىگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا شۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا ئەزا ئالمىشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسى نومۇرنى بالدۇر توشتۇرالىسا، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولۇپ، يېڭىلگەن گۇرۇپپىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى ‹‹جازا››لايدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ.

      بۇ ئويۇن ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ يىڭنە ئىشلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋە سالامەتلىككە پايدىلىق، بولۇپمۇ كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، كېيىنكى كۈنلەردە گىلەم، شىرداقلارنىڭ كۆركەم نۇسخىسى ۋە رەڭلىرى بىلەن تونۇشۇشقا ئاساس يارىتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر