باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسى

       يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، پارتىيىمىزنىڭ پىيونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسى: ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا ئىرادە باغلاش، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى ئىلىم – پەننى سۆيىدىغان، ئاممىنىڭ مال – مۈلىكىنى ئاسرايدىغان ياخشى ئەخلاقىي – پەزىلەتنى ۋە سەمىمىي، باتۇر، جانلىق، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ئىستىلنى يېتىلدۈرۈش، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

      پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى: ئۆسمۈر – بالىلارنى مۇستەھكەم كوممۇنىزملىق ئېتىقاد ۋە پرولتارىيەت سىنىپىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىگە ئىگە؛ كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە؛ مول، زامانىۋى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ۋە ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ ئىزدىنىشكە، يول ئىچىپ ئىلگىرىلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىسلاھات روھىغا ئىگە؛ ساغلام بەدەن ۋە تولۇپ – تاشقان زېھنىي قۇۋۋەتكە ئىگە؛ جانلىق، تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كەمتەر، ئېھتىياتچان، ئىتتىپاقلىشىشقا ماھىر، ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر