باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

پەن – تېخنىكا پادىشاھلىقىنى سەيلە قىلىش خاتىرىسى

       پائالىيەت مەقسىتى:

     نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىز پەن – تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم قويدى، پىيونېرلاردا كىچىكىدىن تارتىپ پەن – تېخنىكىنى سۆيۈپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىپ، پەن – تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بەكمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ پىيونېرلاردا پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا تىرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ‹‹ئۈمىدلىك يۇلتۇزى›› بولۇشقا ئىلھام بېرىش.

     پائالىيەت تەييارلىقى: پائالىيەتتىن ئىلگىرى پىيونېرلارنى قەدىمكى زاماندىكى ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ كەشپىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر پەن – تېخنىكا كەشپىياتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش؛ ھازىرقى تۇرمۇشتىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغانمىلارنى ئازايتىش ھەققىدىكى ياخشى ئۇسۇللارنى ئىگىلەش؛ پىيونېرلارنى پەن – تېخنىكا سارايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، دۇنياۋى يەرمەنكىنى ساياھەت قىلدۇرۇشقا تەشكىللەش؛ ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش؛ ‹‹پەن – تېخنىكا خالتىسى››، ئارزۇ تېمى، ئېلېكترونلۇق دەرس تەييارلىقى قىلىش قاتارلىقلار.

   

     پائالىيەت جەريانى:

    1. پەن – تېخنىكا پادىشاھلىقىدىن خەت كەلدى

    رىياسەتچىA: ساۋاقداشلار، ھازىر سىلەرگە بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزىمەن! پەن – تېخنىكا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بىزگە خەت ئەۋەتىپتۇ، ئۇ بىزنى ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىپتۇ!

    رىياسەتچىB: پەن – تېخنىكا پادىشاھلىقى چوقۇم ناھايىتى قىزىقارلىق، خۇ جىنتاۋ بوۋا بىزنىڭ كىچىكىمىزدىن تارتىپ پەن – تېخنىكا ئۆگىنىشىمىزنى، پەن – تېخنىكىنى سۆيۈشىمىزنى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلدى! قېنى، بىز بىرلىكتە يولغا چىقايلى!

    2. كۆڭۈللۈك ساياھەتنىڭ تۇنجى بېكىتى — گۇگۇ قەلئەسىنى تەكشۈرۈش

    رىياسەتچىA: ساۋاقداشلار، ئىلىم – پەن ئىنسانلارغا ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى، پەن – تېخنىكا ئىنسانلارنى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى، بىز ۋاقىت بوشلۇقى تونىلىدىن ئۆتۈپ گۇگۇ قەلئەسىگە بېرىپ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانىغا بېرىپ پەن – تېخنىكىنىڭ ئىزىنى تېپىپ باقايلى. ئېلېكترونلۇق دەرس تەييارلىقى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا ۋاقىت بوشلۇقى تونىلىدىن ئۆتكەن كۆرۈنۈش قويۇپ بېرىلىپ، چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ رەسىمى ئاستىدا نۇرغۇن قەدىمكى زاماندىكى ئالىملارنىڭ رەسىمى قويۇلۇپ، پىيونېرلارنى ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ھەققىدىكى قىسقا ھېكايىلارنى سۆزلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. (مەسىلەن، جاڭ خېڭ كەشىپ قىلغان يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسۋابى، سەي لۇننىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى قاتارلىق ھېكايىلەر)

    3. كۆڭۈللۈك ساياھەتنىڭ ئىككىنچى بېكىتى — چىچى پەن – تېخنىكا ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش

    رىياسەتچىA: قەدىمكى قەلئە نېمە دېگەن سىرلىق – ھە! قەدىمكى كىشىلەر نېمە دېگەن ئەقىللىق، شۇنچە كۆپ كەشپىياتلارنى كەشىپ قىلىپ تۇرمۇشىنى، دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپتۇ.

    رىياسەتچىB: بىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ئىلىم – پەنگە رەھمەت، ئۇ بىزنىڭ مەدەنىي دەۋرگە قەدەم قويۇشىمىزغا تۈرتكە بولدى. ھازىر بىز بىرلىكتە ‹‹چىچى پەن – تېخنىكا ئارىلى››غا بېرىپ ئويناپ كېلەيلى.

   1) رەسىم ۋە پىلاستىنكىدىن جۇڭگودا قەدىمدە ۋە ھازىر قولغا كەلتۈرۈلگەن پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يەنى تۆت چوڭ كەشپىيات، قەدىمكى ماشىنا ئادەم، ئوربىتېلىق ئاستورونومىيەلىك ئەسۋابى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تومۈر يول، ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى، قاتارلىقلار كۆرسىتىلىپ، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى رىياسەتچى بولۇپ پىيونېرلارغا بىرمۇ بىر چۈشەندۈرىدۇ.

   2) دۇنياۋى يەرمەنكىدە پەن – تېخنىكا كۆرۈش

    رىياسەتچىA: كۆرگەزمە كۆرۈپ نەزەر دائىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئېچىلدى، تەتىلدە بىزمۇ شاڭخەي دۇنياۋى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ نۇرغۇن ئىلىم – پەن بىلىملىرىگە ئىگە بولدۇق.

    رىياسەتچىB: ھازىر بىز بىرلىكتە ئەسلەپ باقايلى. پىلاستىنكا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدا پىيونېرلارنىڭ دۇنياۋى يەرمەنكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانى، شۇنداقلا پەن – تېخنىكا ئامىللىرى قويۇپ بېرىلىدۇ. (مەسىلەن، جۇڭگو كورگەزمە زالىنىڭ سىرتتىن توك بېرىلمىسىمۇ يورۇشى، ‹‹لوندۇننىڭ كاربونسىز كۆرگەزمە زالى›› دىكى قاچا– قۇچىلارنى يېگىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار)

    4. كۆڭۈللۈك ساياھەتنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى — ئېلېكترونلۇق ئويۇن شەھەرچىسىدە ئويناش

    رىياسەتچىA: كۆرمىسە جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ دېگەندەك، پەن – تېخنىكا ھەممىلا يەردا مەۋجۇتتۇر. بىز بىرلىكتە ئېلېكترونلۇق ئويۇن شەھەرچىسىدە خۇشال ئوينايلى! پىيونېرلارنى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ئويۇنلارنى ئويناپ خۇشاللىقنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش. (قەغەز قاچىدا سۇ قاينىتىش، ھۆل بولمايدىغان قولياغلىق قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش)

    5. كۆڭۈللۈك ساياھەتنىڭ تۆتىنچى بېكىتى — پەن – تېخنىكا ئۆيى يېڭىلىق ئاتا قىلىدۇ

    رىياسەتچىA: ساۋاقداشلار ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلار قىزىقارلىقمىكەن؟ ئىشىنىمەنكى، سىلەر ئىلىم – پەن بىلىملىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خۇشاللىققا ئىگە بولدۇڭلار!

     رىياسەتچىB: شۇنداق، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ئارقىلىق بىز ئىلىم – پەننىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەنلىكىنى بايقىدۇق. يەر شارى ئانىمىزنىڭ ساغلاملىقى، گۈزەل ماكانىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن بىز چوقۇم ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىتنى قوغدىشىمىز لازىم! بىز بىرلىكتە ‹‹پەن – تېخنىكا ئۆيى››گە كىرىپ ئۆزىمىزنى نامايان قىلىپ باقايلى!

    1) قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك مۇنبىرى: تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشقا مەن ئىگە: پىيونېرلار ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغانمىنى ئازايتىش ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پاراڭلىشىدۇ. (مەسىلەن، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغقا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سۇ تۇرۇببىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار)

    2) يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى: پىيونېرلارنىڭ كىچىك كەشپىياتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيەت داۋامى: مەھەللىلەرگە بېرىپ پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئېڭىنى يەتكۈزۈش. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغانمىنى ئازايتىش ئۇسۇللىرىنى ‹‹پەن – تېخنىكا خالتىسى››غا سېلىپ مەھەللىلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك!

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر