باش بەت | پىسخىكا

ياش – ئۆسمۇرلەردە پىسخىك ئاجىزلىق مەۋجۇت

       جۇڭگو پىسخولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كەسپىي كومىتېتىدىكى پروفېسسور ۋۇشىخۇاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹نۆۋەتتە، بىر قىسىم شەھەر، بازارلاردا يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ نىسبىتى %90 نى ئىگىلىدى. ئۇلار پىسخىك جەھەتتە ئاجىز ئەۋلادلاردۇر. ئۇلار بەك ئەركە ئۆگىتىلگەچكە، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ ياكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمايدۇ››.

     جۇڭگو پىسخولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئالتە ئۆلكە، شەھەردىكى 3000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىكى پىسخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق، مۇناسىۋەتتە بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىش نىسبىتى %31 نى ئىگىلىگەن.

     مۇتەخەسسىسلەر: ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ھەر كۈنى جىددىي كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىغا كىرىپ قالسا، ئاسانلا يالغۇزسىراش، ئۆز – ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە تەشۋىشلىنىشتەك پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالىدۇ، دەپ قارىغان.

      تەتقىقاتچىلارمۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى شەخسىي مۈلىكى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنى ئۆيگە بەنت قىلىپ قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ غايىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا، بالىلار جەمئىيەتتىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بالىلار دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئائىلىگە، جەمئىيەت ئەزالىرىغا قانداق مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈشىنى ئۆگىنىۋالالايدۇ، ئۇلاردا ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەت كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر