باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

قۇياش سىستېمىسى قانچىلىك چوڭلۇقتا

      يەر شارى قۇياش سىستېمىسىغا ‹‹ماكانلاشقان››، قۇياش سىستېمىسى بىر ‹‹چوڭ ئائىلە››دۇر. بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: قۇياش، توققۇز چوڭ سەييارە، نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەر، سەييارىلەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تەبىئىي ھەمراھلار ھەمدە ئالەمدە ‹‹سەرگەردان›› بولۇپ يۈرىدىغان ئاقار يۇلتۇز ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت.

      قۇياش سىستېمىسى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ چوڭلۇق جەھەتتە يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاسترونوملار بۇ ئارىلىقنى ‹‹1 ئاسترونومىيە بىرلىكى›› دەپ ئاتايدۇ. يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ سىرتىدا يەنە مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتون ۋە پلۇتون بار. قۇياشتىن ئەڭ يىراقتىكىسى پلۇتون، پلۇتون بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 40 ئاسترونومىيە بىرلىكىگە تەڭ. قۇياش نۇرىنىڭ پلۇتونغا چۈشۈشىگە تەخمىنەن بەش يېرىم سائەت كېتىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدا يەنە بەزى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار بار.

      قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى قەيەردە؟ گوللاندىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئولتېر: قۇياش سىستېمىسىنىڭ چۆرىسىنى قۇياشتىن تەخمىنەن 150 مىڭ ئاسترونومىيە بىرلىكى يىراقلىقتىكى جايدا، بىر قەۋەت شار شەكىلدىكى ‹‹ئىپتىدائىي تۇمانلىق›› دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئوراپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ‹‹ئولتېر تۇمانلىقى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئولتېر تۇمانلىقى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ‹‹ئانا يۇرتى›› بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدۇر.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر