باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

يۇپىتېردىكى ‹‹چوڭ قىزىل داغ›› نېمە

      يۇپىتېر قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ ‹‹چوڭ ئاكا››سى بولۇپ ھەجىمى ۋە ماسسىسى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزەتسەك يۇپىتېرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇنىڭ ئېكۋاتورىغا پاراللېل ھالدا لەيلەپ تۇرغان رەڭلىك بەلۋاغنى كۆرىمىز. رەڭلىك بەلۋاغدا بەزىدە يورۇق كۆرۈنسە، بەزىدە غۇۋا كۆرۈنىدىغان داغلار پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ‹‹چوڭ قىزىل داغ›› كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ. بۇ‹‹چوڭ قىزىل داغ››نىڭ رەڭگى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى ئىزچىل ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ بىرقانچە يۈز يىللاردىن بۇيان يۇپىتېر ئۈستىدە لەيلەپ، تا بۈگۈنگىچە يوقىلىپ كەتكىنى يوق. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئاسترونوملار ئىزچىل تۈردە بۇ ‹‹چوڭ قىزىل داغ››نىڭ تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاشنىڭ كويىدا بولۇپ كەلدى.

      بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يوللىغان سۈرەتلەردىن ‹‹چوڭ قىزىل داغ››نىڭ تەركىبىدە قىزىل فوسفور بىرىكمىلىرى بولغان ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفىڭ بورىنى››دەك، سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفىڭ بورىنى››نىڭ ئىچىگە تۆت يەر شارى سىغىدۇ، ئۇنىڭدا بىزگە كۆرۈنگەن رەڭگى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

      بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان، يۇپىتېردىكى ‹‹چوڭ قىزىل داغ›› ئىزچىل ھالدا ئاسترونوملار ۋە ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرىنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

  

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر