باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن مارستا ‹‹كۈچلۈك چاڭ – توزان بورىنى›› چىقىدۇ

      1971 – يىلى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن ‹‹ماتروس — 9›› ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارس ئاسمىنىغا يېتىپ بارغاندا ‹‹كۈچلۈك چوڭ – توزان بورىنى›› پۈتكۈل مارسنى قاپلىغانىدى. قېلىن ساپسېرىق توزان قەۋىتى مارس يۈزىنى توسۇۋالغانلىقتىن، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى داماللىققا مارس يەر شەكلىنى سۈرەتكە تارتىشقا ئامالسىز قالغان. 1972 – يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە چوڭ – توزان بورىنى بېسىققاندىن كېيىن ‹‹ماتروس — 9›› ئاندىن نورمال سۈرەتكە تارتىش خىزمىتىگە كىرىشكەن.

      مارستا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچلۈك چوڭ – توزان بورىنى چىقىدۇ؟ مارسنىڭ كېلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، ھاۋادا نۇرغۇن توزان دانىچىلىرى لەيلەپ يۈرىدۇ. توزان دانىچىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈۋېلىش رولى نەتىجىسىدە بۇ بۆلەك ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى جىددىيلىشىدۇ، نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ توزان دانىچىلىرىنى بوشلۇققا ئاچىقىدۇ. مارستا چىققان شامال بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقتىن، تۇزان دانىچىلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ، چاڭ – توزان بورىنى شەكىللىنىدۇ.

      مارستا تەخمىنەن ھەربىر مارس يىلى (يەر شارىدىكى 687 كۈنگە باراۋەر)دا بىر قېتىم چاڭ – توزان بورىنى چىقىدۇ. مارسنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارى ياز پەسلىگە قەدەم قويۇپ ھاۋا ئالاھىدە قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، چاڭ – توزان بورىنى تېخىمۇ ئەدەپ، ھەر قېتىم چىقسىلا مارسنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىدىن شىمالىي يېرىم شارىغىچە يامراپ، پۈتكۈل مارسنى قاپلىغان ‹‹كۈچلۈك چاڭ – توزان بورىنى››غا ئايلىنىدۇ.

      چاڭ – توزان بورىنى مارسنى قاپلىغاندا، تېمپېراتۇرا پەرقى كىچىكلەپ، بورانمۇ بارا – بارا پەسىيىپ ‹‹كۈچلۈك چاڭ – توزان بورىنى›› بېسىقىپ قالىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر