باش بەت | يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن نېپتوننى ماتېماتىكا ئالىملىرى بايقىغان دەيمىز

      1781 – يىلى ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى ۋىليام گېرشېل ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىدىكى يەتتىنچى چوڭ سەييارە – ئوراننى بايقايدۇ. ئۇراننىڭ بايقىلىشى قەدىمىي قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىنى خىرىسقا ئۇچرىتىدۇ، بىر مەھەل ئۇراننى كۆزىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.

      كىشىلەر ئۇراننى كۆزەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىقىلغان ئوربىتىنى ئوبدان بويلاپ ئايلانماي، ھەمىشە ‹‹تاپتىن چىققان›› ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يۈرەكلىك ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر تەسەۋۋۇر ئاسترونوملارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ: ئۇراننىڭ سىرتىدا يەنە بىر سەييارە بارمۇ، قانداق؟ دەل مۇشۇ سىرلىق ‹‹كۆرۈنمەس ئەزىمەت›› ئۇراننىڭ ئوربىتىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن.

      ئەمما بۇ سەييارە ئۇراندىنمۇ يىراقتا، يورۇقلۇق دەرىجىسى بەكمۇ ئاجىز بولغاچقا، ئاسترونوملارنىڭ چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئۇنى تاپماقچى بولۇشى خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، ئىككى نەپەر ياش ماتېماتىكا ئالىمى باشقىچە يول تۇتۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپتىن پايدىلانماي، بەلكى قەلەم بىلەن قەغەزدىن پايدىلىنىپ، نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچىگە ئاساسەن، تېخى مەلۇم بولمىغان بۇ سەييارىنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەنگلىيەلىك ئادامس بىلەن فرانسىيىلىك لىۋېيىدىن ئىبارەت.

      گېرمانىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى گالىلېي تېلېسكوپنى بۇ ئىككى ماتېماتىكا ئالىمى ھېسابلاپ چىققان ئاسماندىكى ئورۇنغا توغرىلاپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ يېڭى سەييارە – نېپتوننى بايقايدۇ. نېپتوننىڭ بايقىلىشى كېپلېر قانۇنى ۋە نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنىڭ توغرىلىقىنى كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: ئاينۇر