باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

ۋاقىت، ھايات ۋە ياشلىق

ئارزۇگۈل قۇربان

 

      كونىلار ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى››، ‹‹ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت››، ‹‹ۋاقىت – ئاتقان ئوق›› دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ۋاقىتقا بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ۋاقىت ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن ئىنتىزام؛ مائارىپچىلارغا نىسبەتەن ئىختىساس ئىگىسى؛ دوختۇرلارغا نىسبەتەن ھايات؛ كارخانىچىلارغا نىسبەتەن پايدا؛ دېھقانلارغا نىسبەتەن مول ھوسۇل.

      گەرچە ۋاقىت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بېرىلسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى ئوخشىمايدۇ. ۋاقىتنى قانداق تۇتۇش، قانداق ئۆتكۈزۈش، ۋاقىتقا قانداق مۇئامىلە قىلىش، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش يەنىلا ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق. دېمەك، ۋاقىت – ھايات، ۋاقىت – ياشلىق، ۋاقىت – ھەممە دېمەكتۇر. بىز ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ماڭساق بەخىتمۇ بىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، بىز ياش – ئۆسمۈرلەر ھازىردىن باشلاپ ۋاقىتنىڭ قۇلىغا ئەمەس، بەلكى خوجايىنىغا ئايلىنىشىمىز كېرەك.

      ھايات چەكلىك. كىشىلىك ھايات تىپتىنچ بولماستىن بەلكى داۋالغۇپ تۇرغان دېڭىز سۈيىگە ئوخشايدۇ. ھاياتنىڭ قىممىتى قانداق ياشاشتا ئىپادىلىنىدۇ. تالانتلىق يازغۇچىمىز، ئەدىب مەرھۇم زوردۇن سابىر تاغا ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ مىللىتىمىز ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. گەرچە ئۇستاز زوردۇن سابىر بىزدىن ئايرىلسىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە ئەسەرلىرى، ئېسىل خىسلىتى كىشىلەر قەلبىدە، مىللىتىمىز ئەدەبىيات سەھنىسىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

      ياشلىق ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدىكى گۈزەل نەۋباھار. قايسىبىر دانا ‹‹ياشلىق مەزگىلى ئىجاد مەزگىلى›› دېگەنىكەن. بۇ سۆز نېمىدېگەن توغرا ئېيتىلغان – ھە! ياشلىق ھاياتىمىزدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپلا قالماي رەڭگارەڭ، خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن بېزەلگەن گۈزەل باغچا، ھاياتلىق ئاسمىنىمىزدىكى نۇرانە يۇلتۇز. ياشلىقىنى ئىجاد، بىلىم بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھەقىقىي بەختلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ.

    

  (ئاپتور قەشقەر شەھەرلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر