باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

ئانا

ئابدۇللا تۇرسۇن بىخلانى

 

      ئانا، سىز شۇقەدەر بۈيۈك، شۇقەدەر شەخسىيەتسىز. قۇياش ئوتتەك ھارارىتى بىلەن پۈتۈن كائىناتنى ئىللىتسا، سىز ئوتتەك يالقۇنجىغان مېھىر – مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئائىلىمىزنى ئىللىتىسىز. چىۋەر، ئىشچان قوللىرىڭىز ئائىلىمىزنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى گۈزەللىككە پۈركەيدۇ.

      ئانا، سىز پەرزەنتلىرىڭىزدىن تېرىقچە نەرسە تەلەپ قىلمايسىز. سىز ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە ئىشىمىزدىن ئالەمچە خۇشال بولىسىز. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئانىلار بايرىمىدا تۇنجى قېتىم سىزگە كىتاب ۋە ياغلىق سوۋغا قىلدىم. سىز ھاياجاندىن كۆزىڭىزگە ياش ئېلىپ: ‹‹ئوغلۇم، رەھمەت ساڭا، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولدى!›› دېدىڭىز.

      ئانا، ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزنى سىز ئەمەس بىز پەرزەنتلىرىڭىز دېيىشىمىز كېرەك ئىدى. سىز بىزنى تەربىيەلەش يولىدا تالاي جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتتىڭىز. بارلىقىڭىزنى سىڭلىم ئىككىمىزگە ئاتىدىڭىز. بىز ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز شام بولۇپ كۆيدىڭىز. رەھىمسىز يىللار چاچلىرىڭىزغا ئاق، پېشانىڭىزگە يول – يول قورۇقلارنى ئاتا قىلدى. ئەمما، سىز يەنىلا ۋايسىمىدىڭىز. كونىلارنىڭ ‹‹پەرزەنتنىڭ كۈلكىسى ئانىنىڭ بەختى›› دېگىنىدەك بىز خۇشال بولساق سىز خۇشال بولدىڭىز، بىز قايغۇرساق سىزمۇ قايغۇردىڭىز، كېچە – كۈندۈز غېمىمىزنى يېدىڭىز.

      مەن تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن!

 

      (ئاپتور مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 – يىللىق 9 – سىنىپتا)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر