باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

ۋەتەن، سەن ئۈچۈن ئوقۇيمەن

ئارزۇگۈل ئابلا

 

      ۋەتىنىم ئوخشايسەن گويا ئانامغا،

      ئانامدەك سەن مېنى قوشتۇڭ قاتارغا.

      يول بەردىڭ، نۇر بەردىڭ، كۈچ بەردىڭ ماڭا،

      گۈل – چېچەك ئۈنگۈسى ئىللىق قوينۇڭغا.

      ۋەتەن، سېنى ھەر قېتىم تىلغا ئالسام چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن. چۈنكى، سەن خۇددى مېھرىبان ئانامدەك مېنى پەپىلەيسەن، بوران – چاپقۇنلۇق كۈنلەردە ماڭا دالدا بولىسەن، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مېنى ئالغا مېڭىشقا ئۈندەيسەن.

      سۆيۈملۈك ۋەتەن، سەن ئۈچۈن ئىلىم – پەن ئاسمىنىدا زەپەر قۇچۇۋاتقان، چەت ئەللەردە قېتىرقىنىپ بىلىم ئېلىۋاتقان، گۈللەپ – ياشنىشىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى سەپلەردە جاپالىق مېھنەت قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىڭنى كۆرگىنىمدە مېنىڭمۇ سەن ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغۇم كېلىدۇ. شۇڭا، مەن سەن ئۈچۈن ئوقۇيمەن، سېنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈنسېرى ئىلگىرىلەيمەن.

     

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

                                                              يېتەكچى: تۇدىگۈل يۈسۈپ

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر