باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

مەن ئامراق دەرس

پاتىمە ئۆمەر

 

      مەن ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم بىزگە ئانا تىل ئۆگىتىدۇ. داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ماقالە – ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. مېنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمغا مۇنداق ئىش سەۋەب بولغان.

      بىر كۈنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز قوشنىمىز ئوغلى بىلەن كىرىپ كەلدى ۋە:

      – بالام ئەدەبىيات تاپشۇرۇقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. مەن يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان، خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، – دېدى.

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ «ئەدەبىيات دەرسىنىڭ چۈشەندۈرگۈدەك نەرى بار، ئۇ يا خەنزۇ تىلى، يا ماتېماتىكا دەرسى بولمىسا» دەپ ئويلىدىم ھەم ئېرەنچەكلىك بىلەن ماقۇل بولدۇم.

      قوشنامنىڭ بالىسىنىڭ ئەدەبىيات تاپشۇرۇقىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇ دېگەن سوئالنى قايتا – قايتا ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمىدىم. كىتابتىكى «بۇ ماقالىدىكى ئىسىتىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىڭ، بۇ ماقالىنى كىم، قاچان يازغان، مەركىزىي ئىدىيەسى نېمە؟» دېگەن سوئاللار «ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان ئاسان پەن دېگەن ئىدىڭغۇ، نوچى بولساڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىپ باقە» دەپ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك تۇيۇلدى. مەن ھەر قانچە ئويلىنىپمۇ جاۋاب تاپالمىدىم. قوشنامنىڭ بالىسى ماڭا ھەيرانلىق ۋە مەسخىرە ئارىلاش نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ دومسايغىنىچە چىقىپ كەتتى.

      شۇ كۈندىن باشلاپ ئەدەبىيات دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا باشلىدىم. ئىلگىرىكىدەك مۇئەللىم تېكىست ئوقۇسا رەسىم سىزىپ ئولتۇرماي دىققەت بىلەن بېرىلىپ ئاڭلىدىم. بارا – بارا يازغۇچىلار توغرىسدا بىلىدىغانلىرىم، ئوقۇغان كىتابلىرىم كۆپەيدى. ئەدەبىيات نەتىجەممۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېزىقچىلىق سەۋىيەممۇ ئۆستى.

 

      (ئاپتور پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر