باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

ئانامدىن ئۆگىنىمەن

بۇخەلچىگۈل ئوسمان

 

      ئانام ھەر كۈنى تىنىم تاپماي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئۆزى ساۋاتسىز بولغاچقا بىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئۆزىدەك ‹‹قارىغۇ›› بولۇپ قالماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ. كەچلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىشىمىزگە ھەمراھ بولۇپ يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرىدۇ. بىرەر قىيىن مەسىلىنى يېشەلمەي تىت – تىت بولغىنىمىزدا ‹‹بالام، مۇئەللىم ئالدىنقى كۈنى ئۆتكەن دەرسلەرنى ئەسلەپ باق. ئىزدەنسە يېشىلمەيدىغان مەسىلە يوق›› دەيدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرى مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، قولى ئىشتىن بوشىغان ۋاقىتلاردا مەھەللىمىزدىكى ئىگە – چاقىسىز ھەمراخان ئانىنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ چاچلىرىنى تاراپ قويىدۇ.

      ئۆتكەن يىل ئانام بىزگە ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ كېۋەز تېرىپ كەلدى. مەن كېۋەز تېرىشنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ئانام جىق پۇل تېپىپ كېلىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولغانىدىم. بىراق، ئانام قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم. چۈنكى، ئانام چىرايى قارىداپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ئورۇقلاپ ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئىككى قولىمۇ يارا بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئانامنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتتىم. ئانام ماڭا تەسەللى بېرىپ: ‹‹بالام، ئادەم ئەمگەك قىلغانغا ھېچ نەرسە بولۇپ قالمايدۇ. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، نەچچە كۈندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىمەن›› دېدى. مەن ئانامنىڭ قەيسەر روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە، ئىقتىسادچىل بولۇشقا بەل باغلىدىم.

     

(ئاپتور كونىشەھەر ناھىيەسى لەنگەر يېزىلىق ئۈجمە باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىقتا)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر