باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر مەشىق ماقالىسى

بالىلار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار

ئۆمەرجان ئوبۇل قىيان

 

      كىچىك دوستلار، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك دوستىمىز، ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان خاسىيەتلىك داستىخىنىنى كەڭ ئېچىپ مول نازۇ نىمەتلىرى بىلەن بىزگە قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان،‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشىمىزگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى مۇشتەرى بولۇشۇڭلارنى كۈتمەكتە. ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى يالغۇز بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ پەرزەنت تەربىيەلەش، تىل ئۆگىنىشتىكى ياخش ياردەمچىسى.

      كىچىك دوستلار، ھەربىر سان ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا تىرىشچان ساۋاقداشلارنىڭ چۈچۈك، ئەڭ گۈزەل قەلب سۆزلىرى بىلەن يېزىپ چىققان ماقالىلىرىنى كۆرەلەيمىز، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە قايىل قىلارلىق جاۋاب تاپالايمىز، مەرىپەت ئاسمىنىدا شەرەپ قۇچقان كىچىك بۈركۈتلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن تەجرىبە توپلىيالايمىز، ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش باغچىسىنى سەيلە قىلىپ ‹‹قوش تىل›› سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرەلەيمىز.

      مەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بىلىمخۇمار كىچىك دوستلارنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن ئىبارەت بۇ قەدىناس دوستى بىلەن داۋاملىق دىدارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     

(ئاپتور يەكەن ناھىيەسى ئازادباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر