باش بەت | چەتئەل ئەدەبىياتى

چىلبۆرە بىلەن تۆگە

(چەت ئەل چۆچىكى)

 

      ياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى يەيدىغان نەرسە تاپالمىغان چىلبۆرىنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ دەريانىڭ قارشى تەرىپىدە نۇرغۇنلىغان قىسقۇچپاقا ۋە بېلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلسىمۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە دەريادىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېقىن دوستى تۆگىگە:

      — تۆگە ئاكا، دەريانىڭ قارشى تەرىپىدە سىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان شېكەر قومۇشى بار. سىز مېنى قارشى تەرەپكە ئېلىپ بارسىڭىز شېكەر قومۇشى بار جاينى كۆرسىتىپ قويىمەن، — دەپتۇ. تۆگە ماقۇل بوپتۇ ۋە چىلبۆرىنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ. تۆگە قىرغاققا چىقىشىغا چىلبۆرە تۆگىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ – دە قىسقۇچپاقا ۋە بېلىقلارنى ئىشتەي بىلەن يېيىشكە باشلاپتۇ. تۆگىمۇ شېكەر قومۇشلىرىنى ئاستا يالماشقا باشلاپتۇ.

      بىرئازدىن كېيىن قورسىقى تويغان چىلبۆرە بار ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتىپتۇ، ھەتتا ھوۋلاپ كېتىپتۇ. يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاپ كالتەك – چوماقلارنى كۆتۈرگىنىچە كېلىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن چىلبۆرە شۇ ھامان مۆكۈۋاپتۇ. كىشىلەر يالغۇز تۇرغان تۆگىنى كۆرۈپ راسا دۇمبالاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بايا قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋەتكەن چىلبۆرە پەيدا بوپتۇ ۋە ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە:

      — بۇرادەر، ئەمدى قايتامدۇق؟ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، — دەپتۇ.

      — بولىدۇ، ئۇنداق بولسا دەرھال ئۈستۈمگە چىقىپ ئولتۇرغىن، — دەپتۇ تۆگە.

      تۆگە سۇنىڭ تازا چوڭقۇر يېرىگە كەلگەندە چىلبۆرىدىن:

      — بايا سەن ناخشا ئېيتىپ، ھۇۋلاپ مېنى تاياققا قويدۇڭ، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.

      — ھە، قورسىقىم تويغاندا خۇشال بولىدىغان مېنىڭ ئادىتىم، — دەپتۇ چىلبۆرە قۇۋلۇق بىلەن.

      — ۋاھ،، قورسىقىم تويغاندا ئېغىناشمۇ مېنىڭ ئادىتىم، — دەپتۇ تۆگە ۋە بەدىنىنى بىرلا سىلكىپ چىلبۆرىنى سۇغا غەرق قىلىۋېتىپتۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر