باش بەت | ئەدەبي ئەسەرلەر

رەسساملىق ئىشقى

ئابلىمىت قۇربان ساباھى

 

    بىر يەكشەنبە ئەتىگەن،

    شەھەر تامان كىردىممەن.

    كۇتۇپخانا تېمىدا

    نۇرغۇن رەسىم كۆردۈممەن.

 

    كۆرگەنسېرى ئۇلارغا

    بولدۇم مەپتۇن، مەھلىيا.

    بەزىسىگە يامغۇردەك

    سىڭىپ كەتتىم مەن گويا.

 

    ‹‹ساما›› ناملىق رەسىمگە

    قاراپ – قاراپ تويمىدىم.

    خىيالىمدا مەنمۇ ھەم

    بىللە ساما ئوينىدىم.

 

    باقسام مەھمۇد قەشقەرى،

    بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ،

    يارىتىلغان ئوبرازى،

    ماھارەتتە ئاجايىپ.

 

   ھەيۋىتىدىن رەسىمنىڭ

   ھەيرانۇھەس قالدىممەن.

    سوراپ مۇئەللىمىمدىن

    جاۋابىنى ئالدىممەن.

 

    ئاڭلىشىمچە ئۇلارنى

    غازى بوۋام سىزغانكەن.

   ماھارەتنى قەغەزگە

  ‹‹مۇنار›› قىلىپ تىزغانكەن.

 

   قايىل بولۇپ رەسسامغا،

   قوزغالدى زوق، ھاياجان.

   دىلدا ئوتلۇق بىر ئارزۇ

   بولدى شۇئان نامايان.

 

   غازى ئەھمەد بوۋامدەك

   مەنمۇ رەسسسام بولىمەن.

   ئىجادىمدىن، تۆھپەمدىن

   ئىپتىخاردا كۈلىمەن.

 

   (ئاپتور «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدە)

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر