باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاچچىقنى بېسىشنىڭ ئون تۈرلۈك ئۇسۇلى

      ئۆزىنى قاچۇرۇش. سىزنى خاپا قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرسىڭىز، باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە ئازارلىشىپ قالمايسىز.

      بۇراش. دىققىتىڭىزنى بۇراپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدىغان، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئاچچىقىڭىز يېنىپ قالىدۇ.

      چەكلەش. كۆڭۈلسىز خىياللارنى مەقسەتلىك ھالدا چەكلەپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەنقىد قىلىپ، ئىرادە ئارقىلىق ھېسسىياتىڭىزنى تىزگىنلەڭ.

      ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش. يېقىن دوستىڭىزغا دەردىڭىزنى تۆكۈۋالسىڭىز روھىي جەھەتتىن يېنىكلەپ، كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

      يۆتكەش. مەلۇم بىرىگە بولغان بىزارلىق، غەزەپلىنىش كەيپىياتىڭىزنى باشقا بىر ئوبيېكىتقا يۆتكەپ، ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرۇڭ.

      ئىنكار قىلىش. ئۈمىدۋار بولۇپ ئۆزىڭىزدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىڭ.

      يول قويۇش. قارشى تەرەپ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتسا، تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرماي، ئاقىلانىلىك بىلەن يول قويسىڭىز، ئازارلىشىشتىن ساقلىنالايسىز ھەمدە تەربىيە كۆرگەنلىكىڭىزنى نامايان قىلالايسىز.

      تەسەۋۋۇر قىلىش. ئاۋۋال كۆز ئالدىڭىزدىكى ئوسال ھالەتكە تەن بېرىڭ. ئاندىن ئۇ ئىشنى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئوسال ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىڭ.

      ئورنىغا دەسسىتىش. ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا ياكى كەسىپكە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنى ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىڭ.

      ئۆزىنى ئاقلاش. بىرەر باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ كەيپىياتىڭىز ۋە قىلمىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ.

 

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر