باش بەت | كچىك دوراساندۇقى

ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى شىپالىق رېتسىپلار

       بەدىياننى زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ دائىم ئىچىپ بەرسە، مەيدىنى تازلايدۇ، يەلنى ھەيدەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈررىدۇ.

      ئىسسىق غىزادىن قورساق ئاغرىپ قالسا، جىگدىنى قاينىتىپ شەربەت قىلىپ ئىچسە، دەرھال شىپا بولىدۇ . 

      سامساقنى ئەركەك قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەتتە كۈن يېسە، ساقايمىغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

      ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ كۆمەچ ئېتىپ يېسە، بوۋاسىر (گېمروي)غا مەنپەئەت قىلىدۇ .

     باش ئاغرىغاندا، بىر ئىستاكان قايناق سۇغا تۈزنى قۇيۇپ ئىچسە ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر