باش بەت | پىسخىكا

قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى

       بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: ‹‹تىز ئۇخلا، بولمىسا بۆرە كېلىپ سېنى يەۋالىدۇ››، ‹‹يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ›› دېگەندەك. بۇ دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ سەبى قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قورقۇنۇچ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.

      ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز، ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلارنى بۇ ئاجىزلىقى ئارقىلىق قورقىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى چەكلەيدۇ. بۇ بالىلاردا خاراكتېر ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ – دە، ھەمىشە قورقۇپ ھۇدۇقۇپ يۇرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتقا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

      بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاتا - ئانىلار ‹‹خەپ، داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم›› دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ – دە، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.

      دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلىشى، بالىلارنى ئەركىن، يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىكى لازىم.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر