باش بەت | پەن– تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئىنسۇلىن

      دىيابېت كېسىلى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. دىيابېت كېسىلىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى 1889 – يىلى باشلانغان. 1889 – يىلى گېرمانىيە ئالىمى خۇس. مېللىنگ ۋە رۇسىيە ئالىمى ئوسگا. مىڭكفوسد بىرلىكتە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئىتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئېلىۋەتكەن، نەتىجىدە ئىت دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇلار ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ بىر خىل ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دىيابېت كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مېللىنگ ۋە مىڭكفوسد ئىلمىي ماقالە يېزىپ مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. بۇ مېدېتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. لېكىن، ئۇلار ئېيتقان سىرلىق ھورمۇننى ھېچكىم ئايرىپ چىقالمىغان. 30 يىلدىن كېيىن كانادانىڭ ئونتارىئو كەنتىدىكى دوختۇر بانتىنگ بۇ ئىلمىي ماقالىنى كۆرۈپ ئىنتايىن قىزىققان ۋە بۇ لانگېرھانس ئارالچىلىرى ئاجرىتىپ چىققان ئاجرالمىنى تېپىشقا قەتئىي بەل باغلىغان. بانتىنگ ئۆزىگە دەرس بەرگەن ماك كريېئود پىروفېسسورنى تاپقان. ئۇ بۇنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بانتىنگنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. بانتىنگ ئۈمىدسىزلەنمىگەن. ئىككىنچى يىلى تەتىلدە بانتىنگ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە كەلگەن. ماك كريېئود پىروفېسسور تەستە ماقۇل بولۇپ تەجرىبىخانىسى ۋە ياردەمچىسىنى بېرىپ تۇرماقچى بولغان. ئۇلار ئاشقازان ئاستى بېزى سىرتقى ئاجرالما قىسمىنىڭ ئېنزىم ئاجرىتىشنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ئۇلار ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىگە نەيچە ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئارقىلىق لانگېرھانس ئارالچىلىرى ئاجراتقان ھورمۇننى ئايرىۋالغان، بىراق تەجرىبىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئەسلىدە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەيچە چىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقتىن ئاجرالمىلار سىرتقا ئېقىپ كېتىپ تەجرىبىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. 1921 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۇلار ئېلىۋېلىنغان سۇيۇقلۇقنى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىتقا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان. ئىتنىڭ قېنىدىكى شېكەر مىقدارى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن. بۇ تەجرىبىنى كالىغىمۇ ئىشلىگەن، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولغان. بۇ تەجرىبىلەر لانگېرھانس ئارالچىلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇننىڭ ھەقىقىي ئايرىلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغان. تەتىل ئاخىرلاشقاندا بانتىنگ پىروفېسسورغا ئۆزىنىڭ تەجرىبە نەتىجسىنى سۆزلەپ بەرگەن، لېكىن پىروفېسسور بۇ ئىشقا ئانچە ئىشەنمىگەن، چۈنكى بۇ قىيىن مەسىلە ئىدى. ئەمما، بانتىنگ تەجرىبىنى قايتا ئىشلەپ كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن پىروفېسسور قايىل بولغان ھەم تەجرىبىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىشلەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 1922 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۇلار بۇ ھورمۇننى ئادەم بەدىنىگە ئۇرغان. ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان 14 ياشلىق بىر بالا بۇ تەجرىبىنى قوبۇل قىلغان. ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان. بانتىنگنىڭ لانگېرھانس ئارالچىلىرى ئاجراتقان ئاجرالمىنى ئايرىش تەجرىبىسى مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان. بانتىنگ بۇ خىل ئاجرالمىنى ‹‹ئىنسۇلىن›› دەپ ئاتىغان. 1923 – يىلى بانتىنگ بىلەن پىروفېسسور فىزىيولوگىيە مېدىتسىنا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

قۇتلۇق قۇدرەت (پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر